Ilhamjan’s Blog

فېۋرال 4, 2009

salam

Filed under: خىياللىرىم — ilhamjan @ 7:32 am
سالام  دوستلىرىم

ماي 31, 2008

^^قىزلار توپىدا……………………

Filed under: خىياللىرىم — ilhamjan @ 8:49 am

[color=#669900][size=5]سەھەر……….يەنە ئاتتى تاڭ،ئۇيقۇ كام،باش گاراڭ.ئۇيغۇر-ئاينىڭ قىزلار كىيۇ-كىيۇ توپى،ھەممىنى قىلغان.كىرمىسەم زورلاشتى،«سىزمۇ قىز ئاكا…………….»ئاھ!مەن نىمە دەي بۇنىڭغا،چىقىۋالدىم،ئەكىرىشتى،ئەمەل بېرىشتى،دىيىشتى.سىز بولمىسىڭىز قىزىمايدۇ،پاراڭلىرىمىز جانسىز،يۈرەكلىرىمىز ئورۇنسىز،ۋاي كوت-كوتلار.ئۆزىنى چاغلاشمايدۇ.پو ئىتىشىدۇ،تېمىمۇ يېزىشتى،ئەمما مەن مەيدانىمدا،مانا ئادرىسى:[url]http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-9316-keyword-.html[/url]قىزلار توپى،ئەمما ئوغۇللار باش رول،نىمە ئامال كىرمەسلىككە،كوتۇلدىماسلىققا.ئىشلىرىم قالدى،چۈشلىرىم ئازلىدى.نىمىگە؟شۇ توپقا كىرىشكە،قەدىردانلارنىڭ يۈرىكىنى تىڭشاشقا،يەنە مەن لازىم.ئۇخلىمىدىم،ئىشلىمىدىم،قوساقمۇ ئاچتى،بىرەر تاماق يەمسەن دىمەيدۇ.باي-خېنىممۇ ئىڭىكىنى يۆلەيدۇ،نىمە ئامال.تورغا قوساق تويمايدۇ،كوتۇلدىماسلىققا يا كۆڭۈل ئۇنىمايدۇ.قىزلار توپى ئەنە شۇنداق بىر ماكان،كوت-كوتلارنى ماكانلاشتۇرغان.ئوتى يامان،دەردى يامان.قىزلىرى قالتىس،شۇنداق جىق ئانداق ئاي،مۇنداق خېنىم.ئەمما ئۆم -ئوبدان،سەلكىندە شېئىر يوللايمەن،مەنمۇ شېئىر ئوينايمەن،توغرىمۇ -خاتامۇ كۈيلەيمەن،يۈرىكىمدىن سۆزلەيمەن،كۆزلىرىم ئۇيقۇسىز سۆلەيمەن،باشلىرىم گاراڭ نىمە دەيمەن،باھاسىنى بېرىشىدۇ،يەنە شۇ كوت-كوتلار………..فىرۇزە رەڭدار ھىجىيىدۇ ،ئاق ئەتىر گۈل ئۇكاجان………ئۇيغۇر خانغا ئامال يوق،مەخپى ئۇچۇر يوللايدۇ،تۈكەنئاينىڭ مودىسى،«تۇققانلار»«يا كەيىپ»دەيدۇ زىننۇرە،ئەرەپچە ھەجىلەيدۇ،يا مەن چۈشەنمەيمەن.نا گان نا گاندا،قامچىنىڭ سىماسى،دەيدۇ:«قىزلار توپىغا ئىككىنچى كىرمەيمەن»ئاتالمىش گۈل سەنەم ،«ھى ھى ھى سىزنى تونىماپتىمەن كەچۈرۈڭ»…………………………………..ئېنىقكى…ئۇيقۇ ھارام،ئىش ھارام،يەنە شۇ توپ،كۇسۇرلىشىدۇ،كوتۇلدىشىدۇ،كۈلۈشىدۇ،نىمە ئامال،كىرمەسلىككە،كوتۇلدىماسلىققا،يامان يەرنىڭ ئوتى يامان،كىرىمەن،يەنە شۇ قەدىردانلار،بىغەم قېرىنداشلار.ئۇنتۇلدۇرىدۇ،بىر كۈنلۈك چارچاشلارنى،غېرىپ سېغىنىشلارنى،شۇنىڭدىن خۇشمەن.ئۆملۈك-ئۇيۇشلۇق يەنە بىزدە مەۋج،ئاللاھنىڭ بەرىكىتى داۋام قىلىدۇ.قەلىبداشلار يۈرەك يېقىشىدۇ،كېلىڭلار قېرىنداشلىرىم،ئۆملىشەيلى،كوتۇلدىشايلى،قەلىبلىشەيلى،يىغلىشايلى،كۈلۈشەيلى،دوستلۇق داۋام قىلسۇن،سەلكىن گۈللىسۇن،ھىدايەت،ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە،چۈشلەر يەنە ھارام،ئۇيقۇلار ھارام.ئەنە شۇنداق بىر توپ ئۇ،ئاتوم دەۋرىدە مېنى مەس قىلغان،يۈرىكىمگە ئوتلۇق ھەۋەس ئاتا قىلغان،

[attachment=2226] [attachment=2227] [attachment=2228] [attachment=2229] [/size][/color]

^^چاشقاننىڭ قەلبى…

Filed under: خىياللىرىم — ilhamjan @ 8:49 am

[color=#6600CC][size=5]كارت،كارت،كارت،كارت،كارت،كارت،كارت،كارت،كارت،كىسىۋاتىمەن،ئۈزۈۋاتىمەن،دۇنيادىن،يورۇقتىن،مەھرۇم قىلىۋاتىمەن،«ئاللاھۇ ئەكبەر»قەلبىمدە تەكبىر،ئېيىتىۋاتىمەن،تىنىقلىرىم،جىددىيلەشتى،چىكەمدە تەر،قارچۇقلۇرۇم چىڭقىلدى،ئۆلتۈرىۋاتىمەن،سويىۋاتىمەن،كىچىك چاشقاننى.كۈندىلىك ۋەزىپەم،خىزمىتىم مەزمۇنى شۇ.ئويلىدىم،تېڭىرقىدىم،قولۇم تىتىرىدى،نىمىشقا ئالىمەن،ئاجىزە جاننى،ئۇمۇ بىر جاندار،كۆڭلى يوقمۇ،مۇھەببىتى يوقمۇ؟ئەقلى يوقمۇ؟ياشاش ھوقوقىچۇ؟ئاللاھ بەرگەن،ھەر خىل كىسەلنى،ساغلاملىق ئىچىگە،چوڭقۇر يۇشۇرۇپ،رەمچى ئەمەسمىز،داخان ئەمەسمىز،پېرىخون،ئىشان ئەمەسمىز.بىزگىمۇ بەرگەن،ئىدراك-ئەقىلنى،يارىتىشنى مەن ياراتتىم،يارىلىشىڭ ئۆزەڭدىن.ئېسىڭلاردا بولسۇن،ئىچكەن دورىلار،تىببىي ئاماللار،ئەنە شۇنداق كىلىدۇ،تالاي سىناقتىن،جان بېرىشىدۇ،كۈرمىڭ چاشقانلار،ئىشىنىمەن،ئۇنىڭدىمۇ قەلىپ بار،ئويلايدۇ،مۇشۇمۇ،مېنىڭ تەقدىرىم،يۈزلىنىمەن،ئاللاھ،ئىنسانلارنىڭ مەينەتچىلىكىنى،مېنىڭ قېنىم بىلەن تازىلىسۇن،روھىم شۇنىڭغا ئاتالغان.خەير،ئاللاھۇ ئەكبەر![/size][/color]

(ساراڭ خىياللىرىم)قولۇمنى مۈشۈك مورلىۋالدى…

Filed under: خىياللىرىم — ilhamjan @ 8:34 am

[color=#660000][size=5] ياپونىيەدە ئەركە ھايۋانلار بەك جىق.ئەڭ كۆپى ئىت بىلەن مۈشۈك.ھەممە ئائىلىدە دىگۈدەك بىردىن ئىت بېقىشىدىكەن،قانجۇقلار بەزى كۈنلىرى سەھەردە قاۋاپ ئۇيقۇمنى بۇزۇشىدۇ.ئەمما مۈشۈكلەرمۇ شۇنداق كۆپ،ئۇلارنىڭ ياخشى يېرى شۇكى،ئۇلارنىڭ بوينىغا ئىتلاردەك بۇيۇنداق سېلىنمايدىكەن،ھەممىلا يەردە ئەركىن يايراپ يۈرۈشىدىكەن،بىزنىڭ يۇرتىمىزدىكىدەك،بىرەرسىنىڭ تۇتۇپ ئاپىرىپ دۈملەپ سۆڭەكلىرى بىلەن قوشۇپ يەۋىلىشىدىنمۇ غەم يوقكەن…. نەچچە كۈندىن بېرى ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا بىر قارا مۈشۈك پەيدا بولۇپ قالدى،بىچارە مۈشۈك باشتا مېنى كۆرۈپ يېتىرقاپ قاچاتتى،ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قوسىقىنىڭ ئاچلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى،بۇ ياپونىيەدە ئۆتكەندە روزا-زامزاندىمۇ سەدىقە بەرگۈدەك بىرەرسىنى ئۇچرىتالمىغان ئىدىم،مۇشۇ جانۋارغا بولسىمۇ بىر ياخشىلىق قىلايچۇ دىگەن ئۈمىتلەر بىلەن ئۇنى بېقىپ قويۇش قارارىغا كەلدىم. كىچىكىمدە قوي قاتارلىق جانۋارلارنى جىق باققان بولساممۇ،مۈشۈك بېقىپ باقمىغانىدىم.شۇڭا نىمە بەرسەم بولار دىگەن ئويلار بىلەن كىرىپ،توڭلاتقۇنى ئاچسام گۆش باركەن،كىچىكىمدىن «بەز يىمەيدىغان مۈشۈك يوق »دىگەن تەمسىلنى كۆپ ئاڭلىغاچقا،ئۇنىڭغا بەز بەرمەكچى بولدۇم،ئەمما چاتاق بولغىنى مەن يەۋاتقان گۆش ئاۋسترالىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان ھالال قوي گۆشى بولغاچقا،ئۇلارنىڭ قائىدىسى بويىچە گۆشنىڭ ھەممە ماي بەزلىرى ئىلىپ تاشلىنىدىكەن،شۇنداق بولغاچقا يامان تەستە بىر پارچە ماينى تېپىپ،ئۇنىڭغا تاشلاپ بەردىم،ئەمما مېنى ھەممىدىن بەك ھەيران قىلغىنى بۇ جانۋار ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى…………….ئۇ بەز-ماي دىگەنلەرنى يىمەيدىكەن،ھەقىقەتەن «مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام» دە!بۇ ياپونلارمۇ ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا تۈزۈك بىرماي يىمەيدىكەن،ئەمدى ئۇلارنىڭ مۈشۈكىمۇ……….. قايتىپ كىرىپ يەنە توڭلاتقۇنى ئاختۇردۇم،قارىسام ئۆتكەندە سىناپ يەپ كۆرەيچۇ دەپ ئېلىپ،يەپ بېقىپ تەمىگە كۆنەلمەي قويۇپ قويغان بىر خالتا ئېرىمچىك تۇراتتى.بۇ ئېرىمچىكنى ئېنگىلىزچە Cheese دىيىشىدىكەن،ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ سۈت قايماقلىرىمىزدىن قىلغان ئېرىمچىك شۇغۇ دەپ ئېلىپ،تەركىپلىرىنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ،سالپاڭ قۇلاق تەركىپى يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كىيىن،ئاندىن يەپ باققان ئىدىم.ئەمما بۇ كاساپەتلەرنىڭ نەرسىسى شۇنداق لاۋزا ئىكەن،شۇڭا قويۇپ قويغان ئىدىم،ئىشەنمىسەڭلار ئۈرۈمچىدىكى كەررىفور تاللا بازىرىنىڭ مۇسۇلمانچە پوكەيلىرىدە بار،ئامرىكىنىڭ دەپ سېتىشىدۇ،شۇنى يەپ باقساڭلار بىلىسىلەر….. ۋوي!تولا كوتۇلداپ تېمىدىن چەتنەپ كىتىپتىمەن،شۇنىڭ بىلەن ھىلىقى ئېرىمچىكنى ئەچىقىپ تاشلاپ بەردىم،جانۋار شۇنداق ئىشتىھا بىلەن يەپ كەتتى.ھەي توۋا،مۇشۇ جانۋار چېغىدىمۇ يىمەكلىك خىللايدىكەن….شۇ تەرىقىدە كۈندە شۇ ئېرىمچىكتىن ئەچىقىپ بېرىدىغان بولدۇم،بۇ قېلىن گۇيمۇ كۈندە مەن قايتىپ كەلگۈچە يولنىڭ بويىدا مېنى ساقلاپ تۇرىدۇ،مۇساپىرچىلىقتا كۈندە سىزنى بىرەر ھايۋان يولىڭىزغا قاراپ ساقلاپ تۇرسىمۇ،يۈرىكىڭىزدە شۇنداق ئىللىق سېزىم بولىدىكەن.قايتىپ كىلىپ ئۇنىڭ ئېرىمچىكىنى بېرىپ بولغۇچە،پۇتلىرىمغا يامىشىپ،سۇركۇشۇپ،مىياڭشىپ قىلمىغىنى قالمايدۇ بۇ جانۋار……بىردەم بۇنىڭ ئىشتىھاسىغا قاراپ ئولتۇرىمەن،ئاندىن قايتىپ كىرىپ ئۆز تامىقىمغا تۇتۇش قىلىمەن. ئەمما تۆنۈگۈن بىر ئىش بولدى،مەن بۇنىڭغا ئېرىمچىكىنى بەرگۈچە،ئۇنىڭ قوسىقى بەك ئېچىپ كەتتىمۇ ئەيتاۋۇر شۇنداق بەك مىياڭشىپ كەتتى.ئەمدى بېرىۋاتسام ئۇ مېنىڭ مىس-مىسلىقىمدىن ئاغرىندى بولغاي،قولىنى چىقىرىپ شۇنداقلا سىلكىۋىدى،قولۇمدا ئۇنىڭ ئۆتكۈر تىرناقلىرىنىڭ ئىزى قالدى….دەرھال چۆچۈپ ئۆزۈمنى چەتكە ئالدىم،قارىسام ئۇ تامىقىغا دۈملا چۈشۈپ،مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنى ئۇنتىغان ئىدى….. ئۇنىڭ تاتلىغان جايى ۋىششىدە ئىچىشىپ كەتتى،ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن كاللامدا بىر خىياللار پەيدا بولۇپ كەتتى،مۇشۇنداق بىر ئۇماق جانۋارنىڭ شۇنداق ئۆتكۈر قورالى بار ھە!نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ تەبىئەتكە شۇنداق كۆنگەندە!ئاچچىقى كەلگەندە شۇنداقلا بىر سۈرۈپ ئۆزىنىڭ بىر يىرتقۇچلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۆزۈمنى خىيال قىلىپ قالدىم،يېقىنقى بىر ئەسىردىن بۇيان،بىز ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتتىن ئەڭ يىراقلاشقان دەۋرىمىز بولدى،سانائەت ئىنقىلابىدىن كىيىن،ئىنسانلار جەمئىيىتى گۈللەپ جانلىنىپ،جىق تەرەققىي قىلدى،ئەمما شۇنىڭلىق بىلەن بىز تەبىئەت قوينىدىن بارغانسىرى يىراقلىشىپ كەتتۇق.كىتاپلاردا ئاتا-بوۋىلىرىمىز پەرزەنتىرىگە ئوغۇل بولسا ئوۋ ئوۋلاش،تەبىئەتكە ماسلىشىش،ئات مىنىش ….قاتارلىق ئىشلارنى،قىز بولسا قانداق قىلىپ خام ئەشيالارنى پىششىقلاپ،بىر ئۆينى تۇتۇشنى ئۈگىتەتتىكەن.ئەمما ھازىرچۇ؟؟؟ئىشىنىمەنكى خېلى مەنمەن دىگەن ئەزىمەتلەرنى دالاغا تاشلاپ قويسا،ئۆيىنى تېپىپ كىلەلەيدىغانلىرى ئاز ھازىر!تېخى تەبىئەتنىڭ قوينىغا قايتتۇق دەپ يىلدا بىرەر ئىككى قېتىم،ماشىنا بىلەن تاغ ئىچىگە ياكى مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىپ،ياكى قوساقنى بولۇشىغا تويغۇزۇپ قايتىپ كىلىمىز،چىرايلىق قىلىپ «دالا ساياھىتى»قىلدۇق دەپ ماختىنىپمۇ قويىمىز…. ماڭا فرانسىيە فانتازىيە يازغۇچىسى ژۇلى ۋېرىننىڭ(凡尔纳(Verne,J.)) ئەسەرلىرى بەكمۇ يارايدۇ،ئۇنىڭ «سۇ ئاستىدىكى 20مىڭ يوللۇق سەپەر»،«كاپىتان گىرانتنىڭ پەرزەنتلىرى»،«سىرلىق ئارال»دىگەن ئەسەرلىرى بەكمۇ ياخشى يېزىلغان فانتازىيىلىك ئەسەرلەر،كىچىكىمدە بۇ كىتاپلارنى قانچە قېتىملاپ ئوقىغىنىم ئېسىمدە يوق.مەندەك شەھەردە چوڭ بولغان بالىلار ئۈچۈن بۇ بەكمۇ ياخشى تەبىئەت ئوقۇشلۇقى ئىدى.بۇكىتاپلادا ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەت قوينىدىكى ھەر خىل كەچۈرمىشلىرى بەكمۇ جانلىق تەسۋىرلەنگەن ئىدى.بۇنىڭدىن باشقا يەنە13-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئىتالىيەلىك داڭلىق رەسسام شۇنداقلا ئالىم لېئوناردو داۋىنچنىڭ(李奧納多·達文西[1](Leonardo di ser Piero da Vinci) ئەسەرلىرى مېنى دائىم ئويغا سالىدۇ،كۆپىنچە كىشىلەر داۋىنچ دىگەن ئىسىم تىلغا ئېلىنسىلا ئۇنى بىر رەسسام دەپ تەرپلىشىدۇ،ئەمما رەسساملىق ئۇنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى خالاس،بۇندىن باشقا ئۇ ئاناتونىيە،مىخانىكا،فىزىكا ،پىسخولوگىيە جەھەتلەردىمۇ جىق ئىزدەنگەن ئالىم ئىكەندۇق.دىمەكچىمەنكى شۇ ئالىممۇ تەبىئەت ئۈستىدە جىق ئىزدىنىشلەردە بولغانىكەن…. يەنە شۇ مۈشۈككە قارىدىم،ئۇ بىر خىلدا ئېرىمچىكىنى يەۋاتاتتى،ئىشىنىمەنكى ئۇ ئەتىمۇ مۇشۇنداق بىر خىل ئاماللار بىلەن قوسىقىنى تويغۇزىدۇ،يەنە غالىپلارچە كېرىلىپ قويۇپ،ئۆزيولىغا راۋان بولىدۇ،قولۇم يەنە ئىچىشتى….ئەمما بىزچۇ؟بىزدىكى ياۋايى تەبىئەت قېنى؟مۇشۇنداق ئاتوم دەۋرىدە بىز نىمىلەرگە ئېرىشتۇق،نىمىلەردىن مەھرۇم بولدۇق؟؟؟!!!ئەتە نىمە يەيمىز؟بىر مۈشۈكچىلىك بولالىدۇقمۇ؟ يەنە دىسەم گەپ بەك جىقكەن……شۇنداق ئاچچىق خىياللار بىلەن ئىشىكىمنى يېپىپ ئۆيگە قايتىپ كىرىپ كەتتىم،مۈشۈك بولسا بىر ئىزىدا ئېرىمچىكىنى يەپ قالدى….

بۇ مۇشۇ ئىككى ھەپتە ئىچىدە بولغان،مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن شۇنداق بىر ئاددىي ۋەقە،سەلكىنداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشارمەن دەپ يوللىدىم.بەزىدە ئۆزۈمنى ساراڭمۇ مەن دەپ ئويلاپ قالىمەن،كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ بەزىدە خىيالىم جىق!قىززىقتە![s:49][s:49][s:49][/size][/color]

ئاتوم دەۋرىدىكى ئازغۇن خىيالىم – نېرۋىلىرىمغا ئوسكار مۇكاپاتى بېرىمەن.

Filed under: خىياللىرىم — ilhamjan @ 8:30 am

[color=#FF00CC][size=4]تېمامغا قىزىقىپ كىردىڭىز ھەقىچان،مەنمۇ سىزنى ئۈمىتسىز قالدۇرماسلىق ئۈچۈن تىرىشاي!
بۈگۈن سەھەردە ئاخشام كۆرگەن چۈشلىرىمنى ئويلاۋىتىپ،ئۆزۈمنىڭ نېرۋا سېستىمام ئېسىمگە كېلىپ قالدى.مېنىڭچە ئۇلار «ئوسكار مۇكاپاتى» ئېلىشقا تىگىشلىك!بۇنداق دىيىشىمدە مۇنداق سەۋەپلەر بار:1.ئۇلار داڭلىق، چىنلىقى يۈكسەك يۇقۇرى بولغان ئارتىست.مەن خىيال نەزەرىمنى قايارگە قىلسام،نېرۋىلىرىمى توختاۋسىز،ئاڭلىق ھەرىكەت قىلىپ،مېنى ئەڭ يېقىمىلىق،گۈزەل ئەسلىمە،ھىس -تۇيغۇ،ئوي-پىكىرلەر بىلەن ھوزۇلارندۇرىدۇ.مەن ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ چىن تۇيغۇ بولمىسا كېرەك.
2.ئۇلار ئەڭ ماھىر كىنو دېرىكتورىمەن نىمىنى خىيال قىلغۇم كەلسە شۇنى خىيال قىلالايمەن.ئاسمەاندا ئۇچقۇم كەلسە ئۇچالايمەن،سۇدا ئۈزگۈم كەلسە ئۈزەلەيمەن،ياقتۇرغىنىمنى سۆيەلەيمەن،ئىشقىلىپ نىمە قىلغۇم كەلسە،ىىيال دۇنيارىمدا شۇنى قىلالايمەن.ئاللاھنىڭ بەندىسىگە بەرگەن ئەڭ مول بايلىقلىرىنىڭ بىرى دەل بەندىنىڭ چېكى يوق تەپەككۇر،ھىس- خىيال دۇنياسى بولسا كېرەك.
3.ئۇلار ئەڭ ياخشى باھالىغۇچىئىنساننىڭ ھايۋاندىن پەرقى ھەق-ناھەق،ياخشى – ياماننى پەرق ئېتىش،شەرمى-ھايادۇر.بۇلارنىڭ ھەممىسىگە مېنىڭ نېرۋا سېستىمام قۇماندانلىق قىلىدۇ.ئۇلار ماڭا نىسبەتەن ئەڭ توغرا باھا بېرەلەيدۇ،باشقۇرالايدۇ،مەسىلىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىيالايدۇ.
4.ئۇلار ئەڭ ياخشى تاماشىبىنھەر قېتىم ئۆزۈمنىڭ شېرىن خىياللىرىمدىن ھوزۇرلىنىپ كىتىمەن،بۇ خىل ھىس تۇيغۇنى دەل مېنىڭ نېرۋا سېستىمام ماڭا تەسۋىر قىلىپ بېرىدۇ.ئۇلار ھەرگىز يامانلىمايدۇ،مېنىڭ ئىرادەمگە بويسۇنىدۇ،دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى تاماشىبىن بارمۇ؟
5.ئۇلار ئاڭ ياخشى ئىجادىي كەشىپچىبۇنىڭ تىپىك مىسالى—مېنىڭ چۈشلىرىم.چۈنكى مەن ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چۈشۈمدە نىمە كۆرۈشۈمنى بىلمەيمەن،ھەر كۈنى سەھەردە مېنىڭ تۈنجى تەپەككۈرۈم كۆرگەن چۈشلىرىم ئۈستىدە بولىدۇ،مەن ئويلاپ باقمىغان خىياللار چۈشلىرىمدە پەيدا بولىدۇ،مەن خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان ئىشلار چۈشۈمدە يۈز بېرىدۇ.مەن چۈشلىرىمنى كونترول قىلالمايمەن.ئۇلارمۇ ھەم مېنىڭ ئىرادەمگە بويسۇنمايدۇ.ئۇلار باشقۇرۇشتىن خالىي ئەڭ نادىر ئىجادىيەتچىلەردۇر.
ساراڭ خىياللىرىمنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتمەڭلار،مېنىڭچە ھەمىمىزدە ئازدۇر كۆپتۇر بۇنداق «ساراڭ خىياللار »بارغۇ دەيمەن؟![s:49][/size][/color]
[attachment=4054] [attachment=4055] [attachment=4056] [attachment=4057] [attachment=4058] [attachment=4059] [attachment=4060] [attachment=4061]

WordPress.com دىكى بلوگ.