Ilhamjan’s Blog

ماي 31, 2008

مەن يېڭى بىر دۇنيانى بايقىدىم.Podcast توغرىسىدا…

Filed under: تەتقىقاتىمدىن نەتىجىلەر — ilhamjan @ 8:34 am

[color=#FF0000][size=6]تورداشلىرىمنىڭ بۇ ئەسىرىمنى تەپسىلى ئۇقۇپ بېقىشىنى سورايمەن. [/size][/color]
[color=#6600CC] [size=4] Podcastـــــ بۇ ئىىسم تور دۇنياسىدىكى ناھايىتى يېڭى بىر ئۇقۇم.ئۇيغۇرچە «تور دېكتورى»دىسەك مۇۋاپىق بولىدىكەن.بۇ بىر خىل ئۇچۇر تېخنىكىسى بولۇپ،ئەڭ ئىلگىرى «iPodder»دەيدىغان بىر خىل يۇمشاق دىتال ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان.Podcasting ئاۋاز ئىلىشى تېخنىكىسى تور رادىئوسى خىلىدىكى بىر خىل تور پروگراممىسى.تورداشلار توردىكى رادئو پروگراممىسىنى ئۆزىنىڭ iPod ياكى MP3 قويغۇچىدا قويۇپ ئاڭلىسا بولىدىكەن.بۇنداق بولغاندا كومپۇتىر ئالدىدا دۈمچىيىپ ئولتۇرمىسىمۇ،ھەر قانداق جايدا رادىئو ۋە ئۆزى ياخشى كۆرگەن تور پروگراممىلىرىنى كۆرەلەيدىكەن.ھەممىدىن ياخشى بولغىنى شۇكى،سىز ھەتتا ئۆزىڭىزنىڭ رادىئو پروگراممىسىنى ياساپ،تورداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشالايدىكەنسىز! Podcast تور رادىئوسى تورداشلارنى ئاڭلىغۇچىدىن توردا پروگرامما ئىشلىگۈچىگە ئۆزگەرتىدىكەن،دىمەكچىمەنكى ھەممىلا كىشى دىكتور بولالايدىكەن.
Podcast نىڭ تېخنىكىلىق تەلىپى:1.ئۇ چوقۇم مۇستەقىل،توردىن چۈشۈرگىلى بولىدىغان كىنو ياكى ئاۋاز شەكلىدىكى ئەسەر بولىشى كېرەك.2.ئۇنىڭ ھۆججىتىنىڭ توردىكى ئېلان قىلىنىش شەكلى(ئادرىسى) چوقۇم RSS2.0 enclosure feed بولۇشى كېرەك.3.قوبۇللىغۇچى ئۇنى ئاپتوماتىك قۇبۇل قىلالايدىغان بولۇشى،ھەمدە مۇقىم ئورۇنغا( iPod ياكى MP3 قويغۇچى)چۈشۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.ھەمدە ياكى iPod ياكى MP3 قويغۇچىنىڭ قويۇش تىزىملىكىگە كىرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.
مېنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشىمدىكى مەقسىدىم مەن ئۆتكەن ھەپتە بىر iPod ئالغان ئىدىم.ئۇنىڭ سىغىمى 160 GB ئىدى،مەن دەسلەپ ئۇنى ئالغاندا ناخشا-مۇزىكا ،ئانچە مۇنچە كىنو كۆرۈپ ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرارمەن،يەنە يۆتكەلمە قاتتىق دېسكا ئورنىدا ئىشلىتەرمەن دىگەن ئىدىم.ئەمما چەتئەل تور بەتلىرىدىكى بۇ iPod نىڭ ئىشلىتىلىشى توغرىسىدىكى ئوي-خىياللار مېنىڭ ئويۇمنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.Podcast بىزگە،بولۇپمۇ مۇنبەرچىلەرگە يېڭى بىر تور تېلىۋىزىيە ،خەۋەر دۇنياسىنى،يەنە بىر جەھەتتىن پۇل تېپىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىپتۇ.مېنىڭ بۇنداق دىيىشىمدە مۇنداق ئاساس بار!
1.سىز Podcast ئارقىلىق ئېنگىلىز تىلى ۋە باشقا چەتئەل تىللىرىنى ئاۋازلىق ياكى سۈرەتلىك ئۈگىنەلەيدىكەنسىز.بەزى تور بەتلىرىدە بېرىلگەن Podcast مەنبەلىرى كۈندە دىگۈدەك يېڭىلىنىپ تۇرىدىكەن.ھەر خىل ناخشا-مۇزىكا،كىنولار جىقكەن.بۇلارنى خالىغانچە (ئەلۋەتتە پۇل ئالىدىغىنىمۇ باركەن)چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدىكەن.بۇنداق بولغاندا بىز دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردىن،باشقا دۆلەر كىشىلىرىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەر تاپالايمىز.ئۆزىمىزنىڭ چەتئەل تىل سەۋىيىمىزمۇ ئۆسىدىكەن!مەسىلەن بۇلار Podcast نىڭ تور مەنبەلىرى،كۆرۈپ بېقىڭلار![url]http://www.podcastingnews.com[/url][url]http://www.podcastdirectory.com[/url][url]www.podcast.net[/url]
2.Podcast نى ئۆزىڭىزمۇ ئىشلىيەلەيدىكەنسىز!يەنى ئۆزىڭىز ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان بىرەر ھىكايە ياكى ناخشىنى،ياكى كىنونى Podcast قىلىپ ئىشلەپ تورغا يوللىيالايدىكەنسىز،مەن تۆۋەندىكى تور بېتىدىن بىر بەتنى سىناق تەرىقىسىدە ئاچتىم،ئاللا خالىسا ئۆزۈمنىڭ Podcast لىرىمنى يوللاپ باقارمەن.[url]http://www.mypodcast.com[/url][url]http://dostum.mypodcast.com/index.html[/url]
3.پۇل تاپقىلى بولىدۇ دىيىشىمدىكى سەۋەپ،دۇنيادا نۇرغۇن كىشى ئۇيغۇر تىلى ئۈگىنىشكە قىزىقىۋاتىدۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا كىلىپ ئۈگىنىش شارائىتى يوق.شۇڭا بىز بىر ئۇيغۇر تىلى ئۈگىتىش خەلقارالىق Podcast تور بىكىتى قۇرساق،ئانچە مۇنچە دوللارمۇ كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن دىگەن قاراشقا كەلدىم،مەشغۇلار تەرتىپىمۇ بەك تەس ئەمەسكەن.ھىچ بولمىغاندا ھازىر ئىشلىنىۋاتقان ناخشا-ئۇسۇللىرىمىزنى تورغا چىقىرىپ،قانونلۇق يوسۇندا پۇل تاپقىلىمۇ بولىدىكەن.
4.يەنە بىر پايدىلىق تەرىپى دوستلار ئۆزىنىڭ شەخسى Podcast نى ئىشلىسە،ئىشىنىمەنكى بۇنداق Podcast لار مۇنبەردىكى يازمىلاردىنمۇ رەڭدار چىقىدۇ.ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ئانچە مۇنچە ئەسۋاپ ۋە ئاۋاز كىرىشتۈرۈش ۋە تور بىلىمى كىتىدۇ،ئەمما بۇ جەريانلار ئانچە تەس ئەمەس،ئەگەر بۇ تېمامغا قىزىقىدىغانلار كۆپ بولسا،مەن ئۆزۈمنىڭ Podcast ياساپ چىقىرىش جەريانىمنىمۇ يوللاپ قويارمەن.
ئاخىرىدا يىغىنچالىسام دوستلار،Podcast نىڭ پايدىلىق تەرىپى بەك جىقكەن.بۇ تېخنىكا بىزنى باشقا دۆلەت مەدەنىيىتى ۋە ئادەملىرى بىلەن يېقىنلاشتۇرىدىكەن،ئادەمگە يېڭى بىلىملەر بىلەن تەمىن ئىتىدىكەن.مېنىڭچە بۇنى بىر سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدىكەن.iPod ياكى MP3 قويغۇچلىرىمىز نوقۇل ھالدا مۇزىكا ئاڭلايدىغان،كىنو كۆرىدىغان نەرسىلا بولۇپ قالمىسۇن،ئۇنى بىزنىڭ دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىدىغان كۆزنىكىمىزگە ئايلاندۇرايلى!بىز ھىس قىلمىغان غايىبى دۇنيا ۋە ئالەمشۇمۇل بىلىملەر بىزنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.[/size][/color]
[attachment=3029] [attachment=3030] [attachment=3031] [attachment=3032] [attachment=3033] [attachment=3036] [attachment=3037] [attachment=3038] [attachment=3039] [attachment=3034] [attachment=3035]

تەتقىقاتىمدىن نەتىجىلەر

Filed under: تەتقىقاتىمدىن نەتىجىلەر — ilhamjan @ 8:29 am

[color=#669900][size=4]مېنىڭ يېقىنقى ئىزدىنىشلىرىم دىئابىت كېسىلى ئۈستىدە بولىۋاتىدۇ.نەچچە ئاي مابەينىدە،نۇرغۇن چاشقانلارنى قەتلى قىلدىم،نۇرغۇن دورىلارنى سىناق قىلدىم.تۆۋەندە كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن،قىزىقىدىغان تورداشلىرىمنىڭ ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن،بەلكىم مۇھىم بايقاشلار بولسا ئەجەپ ئەمەس.قەنت مىتابولىزىمى
1.دىئابىت كىسىلىنى تۈرگە بۆلۈشبەدەندە بېتا ھۈجەيرىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ھۈجەيرە بولۇپ،بۇ خىل ھۈجەيرە ئادەتتە ئاشقازان ئاستى بېزىدە بولۇپ،ئاساسلىق ئىقتىدارى :ئوزۇقلانغاندىن كىيىن،يىمەكلىكتىن كىچىك ئۈچۈيدە سۈمۈرۈلگەن قەنتلەر قانغا كىرگەندىن كىيىن،بۇ خىل ھۈجەيرە قاندىكى يۇقۇرى قان قۇيۇقلۇقىنى سېزىپ،دەرھال ھەرىكەتلىنىپ،ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىدۇ،ھەم ئۇنى قانغا قويۇپ بېرىدۇ.قاندىكى ئىنسۇلىن بەدەن ھۆجەيرىلىرى يۈزىدىكى ئىنسۇلىن تەسىرچىسى بىلەن رىئاكسىيەلەشكەندىن كىيىن،ھۈجەيرىنىڭ مىتو خوندىرومى ھەرىكەتلىنىپ،ھۈجەيرە ئىچىدىكى قەنت توشۇغۇچى تەركىپلەر ئاكتىپلىنىپ،قاندىكى قەنت ھۆجەيرىگە سۆمۈرۈلۈپ،مىتوخوندرومدا ئىنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىلىپ،بەدەنگە بولغان ئىنىرگىيە قانىدۇ.بەدىنىمىزدە ئاساسلىق جىگەر،ياغ قاتلاملىرى ۋە مۇسكۇللاردا ئاساسلىق قەنت مىتابولىزىمى بولىدۇ.
1-خىلدىكى دىئابىت كىسىلىبۇ خىل كىسەلدە،بېتا ھۆجەيرىسىنىڭ ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىش قابىلىيىتى ئاجىزلىغان ياكى يوقالغان بولۇپ،بىمار ئۆزى ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرالمىغاچقا،سىرتتىن ئىنسۇلىن ئۇكۇل قىلىنىپ،قاندىكى ئىنسۇلىن سەۋىيىسى ساقلىنىدۇ.
2-خىل دىئابىت كىسىلىبۇ خىل دىئابىت سەل خەتەرلىك بولۇپ،بۇنىڭدا ئاساسلىقى بەدەن ھۆجەيرىلىرىنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلىكى تۆۋەنلەپ كىتىدىكەن،شۇڭا گەرچە بېتا ھۆجەيرە ئىندۇلىن ئىشلەپچىقارسىمۇ،ئەمما ھۆجەيرىلەر سەزگۈرلىكىنى يوقاتقاچقا،قەنتلەر بەدەن ھۆجەيرىلىرىگە سۆمۈرۈلمەيدىكەن.بۇ خىل كىسەلنى خەلقارادا ئېرسيەتچانلىقى كۈچلۈك ،ئەگەشمە كىسەللىكى كۆپ،داۋالاش بىر قەدەر قىيىن دەپ قارىماقتا.
مېنىڭ ئىزدىنىشىم:1.بىزنىڭ ئىنىرگىيە قوبۇل قىلىشىمىز:ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسىرى ياخشى بولىۋاتىدۇ،دىئابىت كىسىلىنىڭ «بايلىق»كىسىلى دەيدىغان ئىسمىمۇ بار،بۇنداق دىيىشتىكى سەۋەپ،داۋاملىق يۇقۇرى ئىنىرگىيىلىك ھەركەت يەۋەرسەك،ھەمدە مۇۋاپىق ھەرىكەت بولمىغاندا ئاسسىملاتسىيە دېسسىملاتسىيەدىن ئېشىپ كىتىپ،ئارتۇق ئېنىرگىيە بەدەندە تويۇينغان ياغ شەكلىدە جۇغلىنىدۇ.بەدەندىكى ياغلارنىڭ بەدەنگە ئانچە زىيىنى يوق،ئەمما ئەركىن ياغ كىسلاتاسى (free fetty acid) دەيدىغان بىر خىل تەركىپ بولۇپ،بۇ خىل تەركىپ قانغا بىرلىشىپ بەدەندە ئايلىنىپ يۈرىدۇ،ناۋادا بەدەننىڭ مەلۇم قىسىمى ياللۇغلانغاندا،ياللۇغلانغان ئورۇن مەلۇم خىل بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلارنى ۋە ماددىلارنى تارقىتىدۇ،بۇ چاغدا ئەركىن ياغ كىسلاتالىرى شۇ خىلدىكى ئاقسىل ياكى ماددىلار بىلەن بىرىككەندە،ناھايىتى ئاسانلار ئورگانىزىملارغا ،بولۇپمۇ قانتومۇرغا چۆكمىلىنىپ،يېڭى ياللۇغقا ئۇۋا بولۇپ بېرىدۇ.بۇنىڭدىن سىرت بۇ خىل ياغلارنىڭ يەنە بىر خەتەرلىك يېرى شۇكى،بۇ خىل ياغ كىسلاتالىرى ھۆجەيرە مىتابولىزىمىغا كىرگەندىن كىيىن،پارچىلىنىپ،ناھايىتى ئاسانلار ئەركىن رادىكاللىق بىرىكمىلەرگە ئايلىنىدۇ.ئەركىن رادىكار دىگىنىمىز بىر خىل ئاكتىپلاشقان رادىكاللىق ماددا بولۇپ،بەزىدە بەدەندە ياللۇغلانى،ھەتتا يادرو كىسلاتاسىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇڭا مېنىڭ قارىشىمچە نورمال ئوزۇقلىنىش،تويۇينمىغان ياغلارنى ئىستىمال قىلىش(بېلىق قاتارلىقلار)،كاربونلۇق يىمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش،بەدەنگە كىرگەن ئىنىرگىيە تەڭپۇڭلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
2.خېمىيىۋى ئوغۇتلۇق يىمەكلىكلەرھازىر تۇرمۇشىمىزدا خېمىيىۋى ئوغۇت تەركىبى بەك ئېغىر،چۈنكى خېمىيىۋى ئوغۇت ئۆسۈملۈكنى تېز ئۆستۈرىدۇ،ھوسۇلمۇ ئاشىدۇ،ئەمما ئۇنىڭ ياخشى تەرىپى بۇلۇشى بىلەن يەنە يامان تەرىپىمۇ بار.خېمىيىۋى ئوغۇتنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئامموياك ۋە باشقا فوسفورلۇق تەركىپلەردىن تەركىپ تاپىدۇ.ناۋادا زور مىقتاردا خېمىيىۋى ئوغۇت ئىشلىتىلگەندە،ئۆسۈملۈك تەركىبىدىمۇ زور مىقتاردا شۇ خىلدىكى تەركىپلەر بولىدۇ.بۇ خىل يىمەكلىكلەرنى يىسەك بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن،باشقا خىل زەھەرلىك تەركىپكە ئايلىنىش بىلەن بىرگە يەنە ئامموياك تەركىپلىرى بايا مەن تىلغا ئالغان ئەركىن رادىكاللارغا ناھايىتى تېزلا ئايلىنالايدۇ.نەتىجىسىمۇ مەن دەپ ئۆتكەندەك بولىدۇ.يەنە بىر خىيالىمدا،بۇ خىل يىمەكلىكلەرنىڭ ئىنساننىڭ روھىنى ۋە ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش رولىمۇ باردەك قىلىدۇ،بۇ توغرىلىق داۋاملىق ماتىرىيال كۆرىۋاتىمەن.
3.بىز دىققەت قىلمايدىغان ئاستا خاراكتىرلىق ياللۇغلىنىشيىمەكلىكىمىزنىڭ سۈنئىيلىشىشىغا ئەگىشىپ،بەدىنىمىزمۇ ئاجىزلاپ كىتىپ بارىدۇ،ھەمدە بىزدىكى ھەرىكەتمۇ زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتتى.دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى،بەدىنىمىزدە كۈندە ھەر خىل ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرىدۇ،بولۇپمۇ بەزى ياللۇغلارغا سەل قارىساق بولمايدىكەن.مەسىلەن:بەزىمىزنىڭ بۇرنى تولا قانايدۇ،تولا قەقەچ بولىدۇ،تاتىلاپ يارا قىلىپ قويىمىز،بەزىمىزنىڭ تېرىسىنىڭ سېزىمچانلىقى زىيادە يۇقىرى،ھە دىسىلا قىچىشىدۇ،يارا بولىدۇ،يەنە بەزىلىرىمىزنىڭ بەدىنىمىزنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرى سەۋەپسىزلا ئاغرىپ قالىدۇ.بەزىلىرىمىزنىڭ گېلى تولا ئىششىيدۇ.مۇشۇنداق چاغلاردا بولۇپمۇ مېنىڭ ھىس قىلغىنىم بەدەندىكى لىمفا بەزلەرگە يېقىن جايلار(مەسىلەن باش،قولتۇق،بۇيۇن ،چات ئارىلىقى ئەتراپى)بىئارام بولسا ياكى ياللۇغلانسا ھەرگىز سەل قارىماڭ.چۈنكى نۇرغۇن ماتىرىياللاردىن كۆرسەم ياللۇغ،بولۇپمۇ ئاستا خاراكتىرلىق ياللۇغلار بەدەنگە ھەر خىل زىيانلىق ئۇچۇرلارنى ۋە ئاقسىللارنى قويۇپ بېرىدىكەن.بۇ خىل تەسىرلەر بېتا ھۆجەيرىسىدىكىدەك ھۆجەيرىلەرنى تەركرار غىدىقلاۋەرسە، بۇ خىل ھۆجەيرىلەر بىر بولسا غىدىقلىنىشىنى يوقىتىدىكەن،بىر بولسا ئاستا خاراكتىردا ئۆلۈپ كىتىپ،بەدەننىڭ نومال فونكىسىيىسى تەسىرگە ئۇچراپ،بېشىمىزغا بالا بولىدىكەن.
4.بەزىبىر ھورمونلانغان يىمەكلىكلەرمىسالغا ئالسام ئاڭ تىپىك مىسال «ھورمۇنلانغان توخو گۆشى».ھەممىڭلار بىلىسىلەر ،دۆلىتىمىزدە ئادەم جىق،شۇڭا ئىشلەپچىقىرىش تېز بولمىسا خەلىق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجى قانمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھايانكەشلىكمۇ بەك ئەۋج ئېلىپ كەتتى.ھازىر توخولارغا ۋە باشقا ھايۋانلارغا (avian pancreation polypeptide ,APP) دەيدىغان بىر خىل ھورمۇن ئۇرۇلىدۇ،بۇ خىل ھورمۇن،ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان بىر خىل ھورمۇن(ئاقسىل) بولۇپ،بۇنى ئىشلەتكەندە ھايۋاناتنىڭ ئىشتىھاسىنى قاتتىق ئېچىۋەتكىلى بولىدۇ.شۇڭا بۇ خىلدىكى ھايۋانلار پۈدەپ چوڭ قىلغاندەك بىردەمدىلا چوڭ بولۇپ كىتىدۇ.ئۆتكەندە شاڭخەيدە بىر 10 ياشقا توشمىغان قىزنىڭ ھەيز كۆرگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم،بۇ ھەقتە خەۋەرلەرمۇ بولغان ئىدى.شاڭخەيدە مەنمۇ تۇرۇپ باققان،ئۇ ياردە كىنتاكى(kentaki)،مس دونالد(MC Donald) قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى ۋە بولكا خاراكتىرلىق يىمەكلىكلەرنى كىچىك بالىلار بەك كۆپ يەيدۇ،بولكىغا نۇرغۇن ئېچىتقۇلار ۋە باشقا چىرىشنىڭ ئالغۇچى تەركىپلەرنى سالىدۇ.مانا مۇشۇ خىلدىكى يىمەكلىكلەرنى داۋاملىق ئىستىمال قىلساق،بەدىنىمىزدە بۇخىل ھورمۇن ۋە باشقا زىيانلىق تەركىپلەر جۇغلىنىۋېرىپ،بېتا ھۆجەيرىسىگە ئوخشاش بىچارە ھۆجەيرىمىز بەرداشلىق بېرەلمەي،ناھايىتى تېزلا ئىقتىدارىنى يوقۇتىدۇ.بۇنىڭدىن سىرت بەزىبىر ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنلارنىڭمۇ ئاشقازان ئاستى بېزىنى ئىششىتىۋىتىدىغانى توغرىسىدىكى ماتىرىياللارنى كۆرۈپ قالدىم،دىمەك بەزىبىر خىلدىكى ھورمۇنلارنى بەك دىققەت قىلمىساق بولمىغۇدەك.
5.ھاراقئىسلام دىنىمىزدا دىيىلگەن ھاراق ھارام دەپ.بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرىنىڭ بىرسى ھازىر تەتقىقات ئۈستىدە.بەزىبىر ماتىرىياللارنى كۆرسەم،بېتا ھۆجەيرىسىنى بەدەن سىرتىدا ئۆستۈرگەندىن كىيىن،ئۇنى ئىسپىرت بىلەن ئۇچراشتۇرسا،شۇ خىل ھۆجەيرىنى ئەجەللىك زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن،بۇنىدىن سىرت ھاراقنىڭ جىگەرنى قاتۇرۇش رولىمۇ بەك ئېغىر.مەن باشتا سۆزلىگەندەك،ھېلىقى ئەركىن ياغ كىسلاتالىرى جىگەر توقۇلمىلىرى ئارىسىغىمۇ مەك ئاسان چۆكمىلىنىدىكەن،بولۇپمۇ ھاراقنىڭ تەسىرى بىلەن بۇ خىل چۆكمىلىنىش تېخىمۇ تېزلىشىپ،جىگەر قاتىدىكەن،شۇنىڭ بىلەن بەدىنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئورگانىزىمى بولغان جىگەرنىڭ قەنتلەرنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدىكەن ياكى يوقاپ كىتىدىكەن.مەن دەپ ئۆتكەندەك ياغ كىسلاتاسى پارچىلانغاندىن كىيىنكى ئەركىن رادىكاللار ۋە باشقا زىيانلىق ئۇچۇرلار جۇغلىنىپ،DNA نىڭ بۇزۇلۇشى ۋە باشقا يامان تەسىر پەيدا قىلىپ،ئاخىرىدا ئۆسمىگە ئايلىنىدىكەن.
6.سېمىزلىكئەركىن ياغ كىسلاتالىرىنىڭ تەسىرىنى باشتا سۆزلەپ ئۆتتۈم،بۇ يەردە يەنە داۋاملىق تىلغا ئالمايمەن.
7.چۈشكۈن كەيپىياتبىلىشىمچە كىشى داۋاملىق ئېغىر بېسىم ئاستىدا،چۈشكۈنلۈك ئاستىدا يۈرىۋەرسە،ئىشىنىمەنكى شۇ كىشىنىڭ بەدىنىدىمۇ ئاستا خاراكتىرلىق ياللۇغلىنىشلار بىخ سۈرىدۇ.يەنە بىر ئىزدىنىشىمدە،ئارقا كىچىك مېقىدىكى بەزى ئورۇنلار ئىشلەپچىقارغان بەزى ھورمۇنلارمۇ بەدەندىكى مىتابولىزىم ھۆجەيرىلىرىگە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىدىكەن.يەنە بىر دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى دائىم ھاراق-تاماكىنىڭ ،ئېغىر بېسىمنىڭ ئاستىدا يۈرگەن كىشىلەرنىڭ نېرۋا سېستىمىسىنىڭ شۇنداقلا ئىچكى ئاجراتما سېستىمىسىنىڭمۇ ئىشلەپچىقىرىشى چوقۇم قالايمىقانلىشىدۇ،شۇڭا بۇ خىل تۇرمۇش شەلكىنى ئىمكانقەدەر تۈزۈتۈش كېرەك.
يەنە نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن كىيىنچە تولۇقلارمەن.پىكىرىڭلار بولسا ياكى سۇئاللار بولسا يوللارسىلەر،بىللە مۇزاكىرە قىلارمىز،پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن بىر قانچە ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى يوللاپ قويدۇم،پايدىلىنارسىلەر.
diabetes,beta cell,B cell,MAPK pathway,PIP3 pathway,Islet,Pancrease,Glucose,Hormone,Insulin receptor,GLUT4,cell apoptosis,Alchol[/size][/color]

دىئابىت كىسىلىدە پۇت ۋە بەلنى ئىسسىق تۇتۇش توغرىسىدا….

Filed under: تەتقىقاتىمدىن نەتىجىلەر — ilhamjan @ 8:29 am

[color=#6633CC][size=4]دىئابىت كىسىلى توغرىسىدىكى ماتىرىياللانى كۆرىۋىتىپ،دىئابىت كىسىلىنىڭ بەزىدە ئاستا خاراكتىرلىق ياللۇغلاردىن،سېمىزلىك سەۋەپلىرىدىن بولىدىغىنىنى بايقىدىم.ھەممىمىزگە مەلۇم ،ياللۇغ بەدىنىمىز ئىممنت ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىدىنمۇ پەيدا بولىدۇ.دىمەكچىمەنكى،بەدىنىمىزدە ئادەتتە ئىممۇنت مۇۋازىننىتى بولىدۇ.بەزىبىر تاشقى يامان تەسىرلەرنىڭ داۋاملىق غىدىقلىشى تەسىرىدە ،بۇ خىل مۇۋازىننەت بەزىدە بۇزۇلۇپ كىتىدۇ.ئىممۇنت سېستىمىسىغا كەلسەك ،مەن يىلىككە بەكمۇ قىزىقىپ قالدىم.چۈنكى يىلىكتە 3 خىل مۇھىم ئىممۇنت ھۈجەيرىسى بولىدىكەن.ئۇلار Bلىمفا ھۈجەيرىسى،T لىمفا ھۈجەيرىسى ،K ھۈجەيرىسى ۋە NKھۈجەيرىسىدىن(natural killer cell) ئىبارەت.B لىمفا ھۈجەيرىسى ئادەتتە يىلىكتە پەيدا بولۇپ يىلىكتە پىشىپ يىتىلىدىكەن.T لىمفا ھۈجەيرىسى بولسا يىلىكتە پەيدا بولۇپ،ئاندىن تۆش(مەيدە)بېزىدە پىشىپ يىتىلىدىكەن.NK ھۈجەيرىسى بولسا يىلىكتە يىتىلىپ لىمفا سېستىمىسىدە بولىدىغان كۈچلۈك يامان ھۆجەيرىلەرنى ئۆلتۈرگۈچى ھۈجەيرە.
دىئابىت كىسىلىدە،بىر خىل يامان ئەگەشمە كىسەللىك بولۇپ،كىسەل ئېغىرلاشقاندا،ئىممۇنت سېستىمىسى بۇزۇلۇپ،بىمارنىڭ پۇت قىسىمى ياللۇغلىنىپ،ئاسان ساقايمايدىكەن. كۆز ئاستى تور پەردىسىمۇ بۇزۇلىدىكەن،كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كىتىدىكەن.ئېغىر بولغاندا،پۇت كىسىپ تاشلىنىدىكەن.
مېنىڭ يۇقۇرىقى ئەگەشمە كىسەللىكىدىن ئويلىغىنىم،پۇت ۋە بەل قىسىمىمىزدىن ئاسان سوغۇق ئۆتۈپ كىتىدىغان ئورگان،بولۇپمۇ ھازىرىدەك يىمەكلىكلىرىمىز كۈنسىرى سۈنئىيلىشىۋاتقان،بەدىنىمىز رودىمىنتلىشىۋاتقان مۇشۇنداق كۈنلەردە،پۇت-بەلنى قۇرغاق تۇتۇش،ئىسسىق ساقلاش بەكمۇ مۇھىم دەپ قارىدىم.چۈنكى مېنىڭ قارىشىمچە،بەدەنگە سوغۇق ئۆتۈپ كەتسە،يىلىككە دەرھاللا تەسىرى بولىدۇ،بەلكىم يىلىككىمۇ «سوغۇق» ئۆتۈشى مۇمكىن.ئۆزىمىزگە بىلىنمىگىنى بىلەن ،بۇمۇ بىر خىل ئاستا خاراكتىرلىق ياللۇغلىنىش جەريانى بولۇشى مۇمكىن،داۋاملىق سوغۇق ئۆتۈش جەريانىدا،بىزنىڭ مۇھىم ئىممۇنت ئەزايىمىز بولغان يىلىك ئىممۇنت ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپچىقىرالماسلىقى.ئىشلەپچىقارغان ئىممۇنت ھۈجەيرىلىرىنىڭمۇ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كىتىشى،بۇنىڭدىن بەدەننىڭ ئوموميۈزلۈك ئىممۇنت سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ،ئاستا خاراكتىرلىق ياللۇغقا ئوتنىڭ ئۇستىگە ماي چىچىشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە يۇقۇرىقى پەرەزلىرىمنى كىيىنكى ماتىرىيال ئىزدىنىشىمدە ۋە تەتقىقاتلىرىمىدا،ئاللاھ خالىسا دەللىلەشكە تىرىشىمەن.تورداشلىرىمنىڭ پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمەن.[/size][/color]

WordPress.com دىكى بلوگ.