Ilhamjan’s Blog

ماي 31, 2008

ھەسەتخورلۇق توغرىسىدا

Filed under: ئەدەبىيات — ilhamjan @ 8:45 am

[color=#669900][size=5]ھەسەتخورلۇق دىگەن نىمە؟ ھەسەتخورلۇق ئىقتىدار،شۆھرەت،ئىجتىمائىي ئورنى ۋە تۆھپىسى جەھەتتە ئۆزىدىن ئارتۇق بولغان كىشىلەرگە بولغان بىر خىل ئۆچ ساقلاش كەيپىياتىدىن ئىبارەت.ئۇ خۇددى ياۋا ئوتقا ئوخشاش كىشىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ئۆسۈپ،كىشىنىڭ ھەرىكەت ۋە ھۆكۈم ئىقتىدارىغا تەسەر كۆرسىتىدۇ. ھەسەتخورلۇق كەيپىياتى كۆپىنچە دوست-يارەنلەر،ساۋاقداشلار،خىزمەتداشلار ئوتتۇرىدا ناھايىتى ئاسانلا پەيدا بولىدۇ.چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى رىقابەت كەسكىن بولغاچقا،كۆپچىلىك بىللە تۇرغاندا تۇيۇقسىزلا بىرەيلەن ئالغا بېسىپ كەتسە،باشقىلارنىڭ ئىچى قوتۇرلۇقىنى ئاسانلا قوزغاپ قويىدۇ.ئەمما ناتۇنۇش كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ھەسەتخورلۇق كەيپىياتى ئاسان يۈز بەرمەيدۇ،چۈنكى ئۆز-ئارا ئورتاقلىق ۋە چۈشىنىش بولمىغان ئەھۋالدا،ئىككى شەخسنىڭ ئۆز-ئارا ئانچە كارى بولۇپ كەتمەيدۇ،پەۋقۇلادە بۇ خىل كەيپىيات پەيدا بولغان تەقدىردىمۇ ناھايىتى تېزلا يوقۇلىدۇ ھەمدە كىشىگە ئېلىپ كەلگەن قايغۇسىمۇ ئانچە ئېغىر بولمايدۇ.ھالبۇكى خىزمەتداشلار قاتارلىق مەنپەئەت چىتىشلىقى بولغان كىشىلەر ئارىسىدا مەڭگۈ رىقابەت بولىدۇ،رىقابەت بولغانىكەن ھەسەتخورلۇقنىڭ شەكىللىنىشى مۇقەررەر!ئارىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى دەل بۇ خىل كەيپىياتنىڭ قوزغىغۇچىسىدۇر! ئىنسانىيلىقتا نورمال كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل كەيپىياتنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال،باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ھەۋەس قىلىماسلىق،ئىچى قوتۇرلۇق قىلماسلىق ۋە كۆزى قىزارماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.ھەممىدىن مۇھىمى كۆرەلمەسلىك كەيپىياتى شەكىللەنگەندىن كىيىن قانداق قىلىشتا! كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئىسىل پەزىلەتلىك كىشىلەر ھەرگىزمۇ باشقىلارنى كۆرەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ دەپ قارىلىدۇ.ھالبۇكى بۇ بىر خىل خاتا بولغان ئاممىۋى قاراش،مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ئىزدىگەندە ئىسىل پەزىلەتلىك كىشىلەردىمۇ ھەسەتخورلۇق ئىدىيىسى بولىدۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ ئاۋام بىلەن ئوخشىماسلىقى شۇكى،ئۇلار ئالىيجاناپ پەزىلىتى بىلەن بۇ خىل ھەسەتخورلۇق ئىدىيىسىنى تېزگىنلىگەن،ئۆز قەلبىدىكى ھەسەتخورلۇق ئوتىنى ئۆچۈرگەن،ئۆزىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنى دۈشمەن ئەمەس بەلكى رىقابەتچىسى دەپ قارىغان!رەقىبىنىڭ غىدىقلىشى ئىسىل پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ كۆرەش قىلىش ئىرادىسىگە ئۆزگەگەندىن كىيىن،ئۇلار قەدىمىنى تېزلىتىپ ئالدىدىكىلەرگە يىتىشىۋىلىشقا تىرىشىدۇ،ئۇلار ئۆمۈر بويى مۇشۇنداق قوغلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىسىل پەزىلىتىنى يىتىلدۈرگەن بولىدۇ. ھەسەتخورلۇق ئىدىيىسىنىڭ يۇقۇرىقىدەك قارشى ھالدا پەيدا قىلغان كۆرەش قىلىش ئىدىيىسى نۇرغۇنلىغان ئىسىل ئىختىساس ئىگىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. شۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى:كھەسەتخورلۇق ئىدىيىسى بىر قوش بىسلىق قىلىچ بولۇپ،ئۇ ئىسىل پەزىلەتلىك كىشىلەرنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن يەنە بىر ئەۋلات نائەھلى مۇناپىقلارنىمۇ بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ. ئۇنداق نائەھلىلەر باشقىلارنىڭ ئېشىپ كەتكىنىنى كۆرەلمەيدۇ،ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى كىشىلەر چوقۇم ئۇنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىدۇ.ئەقلى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا نائەھلىلەردە ئەقىلمۇ كەم ئەمەس،ئەمما،ئۇلارنىڭ ئەقلىنى كۆرەلمەسلىك كونترول قىلغان بولىدۇ.ئۇلار ھەر دائىم يامان نىيەت بىلەن ئۆزىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنى قەستلەش نىيىتىدە بولىدۇ،بىر ئاماللارنى قىلىپ،ئالدىدىكىلەرنىڭ قەدىمىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ،ئۇلارنى زەخمىلەندۈرىدۇ،ئۇلارنى كەينىدە قالدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ چىرايىغا تۈكۈرۈپ ئوينايدۇ! نائەھلىلەردە كەڭ قورساقلىق كەمچىل بولىدۇ،ياماندىن قورقۇپ،يۇۋاشنى بوزەك قىلىدۇ،شۆھرەت قوغلىشىدۇ،ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ تۇرىۋالىدۇ،دائىم كۆرەڭلەر چوڭچىلىق قىلىشىدۇ.ئۇلار ھەرگىزمۇ قوساقتىكى ئۇمىچى بىلەن رىقابەتلەشمەستىن،بەلكى كاززاپلىق ۋە ئىپلاس ۋاستىلەر بىلەن ئاۋامنىڭ كۆزىنى بويايدۇ،بىزنىڭ بۇ ئىنسانىيەت دۇنيارىمىزدا بۇ توغرىسىدىكى پاجىئە ۋە ھىكايىلەرنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ! رىئاللىقتا،بىز دائىم مۇنداق ئىشقا يولۇقىمىز:بىز خېلى يامان ئەمەس دەپ قارايدىغان بەزى كىشىلەر،ھەسەتخورلۇق ئىدىيىمىزنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بەزىدە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بىر ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ.بۇنى بىز كىيىن قانچىلىك ئويلىغىنىمىز بىلەنمۇ ئۇنىڭ نىمىشقا شۇنداق قىلغانلىقىمىزنى بىلەلمەيمىز،رىئاللىقنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيمىز.ئەمەلىيەتتە بۇ دەل ھەسەتخورلۇق ئىدىيىسىنىڭ شۇ كىشىنىڭ ھىسياتى ۋە قەلبنى چىرماپ،كونتىرول قىلىۋالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى،بۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى شۇنداق بىچارە ۋە خورلۇق ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ،ئۇنىڭ قەلبىدە پەقەتلا ھەسەتخورلۇقتىن باشقىنىڭ ئەسەرى بولمايدۇ.بۇ ئۇنىڭ قەلبىنى قاپلاپ،ئۇنىڭ قەلبىگە قىلمۇ سىغماس بولۇپ كىتىدۇ.ھەر قانداق ھەرىكىتىنىمۇ ھەسەتخورلۇق كونترول قىلىۋالىدۇ. ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلانساق،بىز ئۆزىمىزنىڭ قايغۇمىز بىلەن بۇ دۇنياغا كىلىپ،ئاۋامنىڭ كۆز يىشى بىلەن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىمىز.كىشىلىك ھايات شۇ دەرىجىدە قىسقا،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا ئۆتۈپ كىتىدۇ!بۇنىڭدىن بىز دائىم ئۇھ تارتىپ:«ياشلىق باھارى كەتسە قايتا كەلمەيدىكەن»دەپ قويىمىز.قىسقا ئەمما گۈزەل ھاياتىمىزنى كىمنىڭمۇ بىكاردىن بىكار ئۆتكۈزىۋەتكىسى كىلەر!؟كىممۇ تۇرمۇشىنىڭ مەنىلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلمىسۇن؟!شۇ خىياللار بىلەن سەمىمىيەت قايچىسىنى قولىمىزغا ئېلىپ،ھاياتلىق دەرىخىمىزدىكى ھارام شاخلارنى پۇتاپ،سارغايغان يۇپۇرماقلارنى تازىلىۋەتسەكلا،ھاياتلىقىمىزنىڭ كۈز پەسلى كەلگەندىمۇ،بىزنىڭ ھاياتلىق دەرىخىمىز مىۋىلەپ بۆك-باراقسانلاپ تۇرىدۇ! ھەسەتخورلۇق ھەر قانداق كىشىدە بولىدۇ،تۇغۇلۇشتىنلا بىزنىڭ پەزىلەتلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئۇ سىزنى جەننەتكىمۇ جەھەننەمگىمۇ يولغا سالالايدۇ!بىزىدە ئادەم شۇ بىر دەملىك خاتالىقىنىڭ دەردىنى ئۆمۈرۋايەت تارتىپ قالىدۇ.ئۆزىنىڭ ئىچى تارلىقىنى يېڭەلىگەن كىشىنى ناھايىتى قابىلىيەتلىك كىشى دەپ قاراشقا بولىدۇ.ھەسەتخورلۇق بىر خىل ھىسيات،بىر خىل كەيپىيات بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.مەيلى قاچان،قەيەردە بولمايلى،ھەسەتخورلۇقىمىزنى كونترول قىلالمىساق،ئۇنى تاشلىيالمىساق،توغرا بىر تەرەپ قىلالمىساق،تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى ئېغىر يۈكنى ئارتىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز! ھەسەتخورلۇق كىشى ھاياتلىقىدىكى بىر يامان ئۆسمە،ئۇنى ئېلىپ تاشلىمىسا بىر كۈنى بولماي بىر كۈنى قوزغالماي قالمايدۇ،ئۇنىڭ بىر قىتىملىق قوزغىلىشىلا پۇتۇن ئۆمرىڭىزنى ۋەيران قىلىۋىتەلەيدۇ!چۈمۈلىنىڭ كىچىككىنە ئۆيىمۇ بىر دامبىنى كاردىن چىقىرىۋىتەلەيدۇ! ئۆزىمىزنى ئىتراپ قىلايلى،ئۆزىمىزنىڭ ھەسەتخورلۇقىمىزنى ئىتىراپ قىلايلى!ئۆزىمىزدىكى ئاجىزلىقنى ئىتىراپ قىلايلى!بۇ نوقتىغا توغرا قارىساقلا ھەسەتخورلۇق ئىدىيىسىنى كۆرەش قىلىش كۈچىگە ئۆزگەرتىش دەل بىزنىڭ كەڭ قوساقلىقىمىزنىڭ ۋە ئالىيجاناپلىقىمىزنىڭ نامايەندىسى ئەمەسمۇ؟! [/size][/color]
[backcolor=#66CC00][size=6]بۇ تېمىنىڭ تەھرىرلىكىگە باشقۇرغۇچى ئادىلە جىق ياردەم بەردى! ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن![/size][/backcolor]
مەنبە:[url]http://literary.goodmood.com.cn/2007/9-21/2007092110245256129.html[/url]

گېۋارا كىم؟؟؟

Filed under: ئەدەبىيات — ilhamjan @ 8:45 am

[color=#6600CC][size=5] تارىختا شۇنداق بىر كىشى،يۈكسەك بىر شەخس خاتىرىلەنگەن،بۇ ماڭا بىر سۆزنى ئەسلەتتى:«بەزىلەر تىرىك تۇرىدۇ،ئەمما ئۇ ئۆلگەن؛بەزىلەر ئۆلگەن ،ئەمما ئۇ يەنىلا ھايات!»چې.گېۋارا ئەنە شۇنداق ھايات تۇرغانلارنىڭ بىرىدۇر. 1967-يىلى 10 ئاينىڭ 9-كۈنى،گېۋارا ئۆلتۈرۈلدى،شۇ چاغدا ئۇ ئاران 39 ياشتا ئىدى،سوراقچىلار ئۇنىڭدىن «نىمە ئويلاۋاتىسەن؟»دەپ سورىغاندا،ئۇ«ئىنقىلاپنىڭ مەڭگۈگە داۋاملىشىدىغىنىنى ئويلاۋاتىمەن»دەپ جاۋاپ بەرگەن.شۇنىڭدىن كىيىن،دۈشمەنلەر ئۇنىڭ ئىككى قولىنى كېسىۋېلىپ،ئۇنىڭ «ئۆلمەس بەدىنى»نى ئىسپاتلىماقچى بولغان.چۈنكى،دۈشمەننىڭ نەزەرىدە گېۋارا ھەتتاكى «ئۆلمەيدىغان»لارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالغانىدى. بۈگۈن،دەل گېۋارانىڭ ئۆلۈم خاتىرە كۈنى،بۇنىڭغا دەل 40 يىل بولدى،بەزى خەۋەرىگە ئاساسلانغاندا،دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايىدىكى كىشىلەر ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ،ئۇنىڭ قۇربان بولغىنىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.گېۋارانىڭ شېئىرلىرى يېزىلغان كىتاپمۇ يېقىندا مىكسىكىدا ئېلان قىلىندى.تەزكىرە يازغۇچىسى تەيۋنىڭ ئېيتىشىچە،گېۋارا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە،بولڭۋىيەدە پارتىزانلىق ئۇرۇش قىلىۋاتقىنىدا،دائىم دەرەخكە چىقىپ شېئىر يازاتتىكەندۇق.كىشىلەر ھازىرغىچە بۇ ئىنقىلاپچى،«رومانتىك ساياھەتچى»،«قىزىل روبىنھان»،«كوممونىزىمنىڭ دونكىخوتى»نى ئۇنتۇپ قالمىدى.بۇگۈنكى كۈندە،دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كوچىلاردا،سىز ياشلارنىڭ گېۋارانىڭ باش سۆرىتى بېسىلغان كۆينەكلەرنى كىيىىشپ يۈرگىنىنى ،كىشلەرنىڭ ئۇنى مەدھىيلەپ ناخشا ئېيتىدىغىنىنى كۆرەلەيسىز. گېۋارانىڭ تارىخنى تېپىش ئاسان.1928-يىلى 6-ئاينىڭ 14 -كۈنى،گېۋارا ئارگىنتىنانىڭ روسسارىئو شەھىرىدىكى كاپىتالىست ۋە ئېكىنزار خوجايىنى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇ ئۆينىڭ چوڭى بولۇپ.1947-يىلىدىن 1953 -يىلغىچە،بۇيىنوس-ئايرىس ئۇنۋېرسىتىتىدا تىببىي پەنلەر كەسپىدە ئوقىغان.1955-يىلى فېدىر.كاستېرو بىلەن كۆرۈشۈپ،ئىنقىلاپقا قاتناشقان.1958-يىلى 11-ئايدا،كۇبا ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كىيىن،دۆلەت بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا كۆرسىتىلگەن،كىيىن سانائەت مىنىستىرى،كۇبا كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ سېكرىتارلار باشقارمىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان.1960-يىلى،جۇڭگوغا كىلىپ،ماۋزېدۇڭ ۋە جۇئېنلەي بىلەن كۆرۈشكەن.1967-يىلى3-ئاينىڭ 22-كۈنى،گېۋارا ئىسمىنى «رامون»غا ئۆزگەرتىپ،ئۆزىنىڭ پارتىزانلىق گۇرۇپپىسىغا يىتەكچىلىك قىلىپ،(يەنى بولىۋىيە مىللىي ئازاتلىق ئارمىيىسى)،جەنوبىي ئامرىكىدىكى ھەربىي ھەركىتىنى باشلىغان.10-ئاينىڭ 8-كۈنى،گېۋارا يوۋرو تاغ جىلغىسىدىكى ئۇرۇشتا يارىلىنىپ قولغا چۈشۈپ،10-ئاينىڭ 9-كۈنى،يىگىرا كەنتىدە ئۆلتۈرۈلگەن. قائىدە بويىچە،نام-شەرەپكە ئېرىشكەن گېۋارا،كۇبادا سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا تامامەن بولاتتى،ئەمما ئۇ بۇ ئىشنى رەت قىلغان.چۈنكى ئۇ بىر ئۆمۈر ئىنقىلاپچى بولۇشقا بەل باغلىغان ئىدى.1965-يىلى 4-ئاينىىڭ 1-كۈنى،ئۇ كاستېروغا بىر پارچە خەت يېزىپ،بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن،شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۇبا پۇقرالىقىدىنمۇ ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.ئېيتىشلارغا قارىغاندا،ئۇ سۆۋىتكە زىيارەتكە بارغاندا،سۆۋىت پاسونىدىن ئىنتايىن مەيۈسلەنگەن،سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسىدىن غەم قىلغان.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە،ئۇ نۇرغۇن ئىنقىلاپچىلارنىڭ ئىسىل ماشىنىدا ئولتۇرغىنىنى،چىرايلىق ئايال كاتىپلارنىڭ قوينىدا جەڭگىۋارلىقىنى يوقاتقانلىقىنى بايقىغان.شۇڭا ئۇ ئىنقىلاپچىلارنىڭ مۇكەممەل ئوبرازىنى ساقلاش ئۈچۈن،كۆرەش قىلىش يولىنى تاللاپ،سۇمرۇغ كۈيۈپ كەتكەندەك ئاقىۋەتكە قالغان.شۇ يىلى،گېۋارا125 كىشىلىك كۇبا پارتىزانلار قوشۇنىنى يىتەكلەپ،ئافرىقىنىڭ كونگو(ھازىرقى زاھىر)،يەنى ئافرىقىنى يۈرىكىدە بىر يېڭى «كۇبا»قۇرماقچى بولغىنىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان.ئىككىنچى يىلى ئۇ يەنە بولىۋىيەگە بېرىپ،بولىۋىيە مىللىي ئازاتلىق قوشونىغا رەھبەرلىك قىلىپ،پۈتۈنلەي تۈگەشكىچە ھەربىي ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرغان. 40 يىللىق تارىخى جەرياندا،گېۋارا بىر ئادەمدىن قەھرىمانغا،قەھرىمانلىقتىن بىر مەبۇدقا ئايلانغان.بەزىلەر ئۇنى مۇكەممەل ئادەم دىيىشىدۇ،ھەقىقەتەن ئىنقىلابى جەڭچىلەرنىڭ نەزەرىدە،ئۇ بىر بايراق ئىدى،ھەربىي قىزىققۇچىلارنىڭ نەزەرىدە،ئۇ بىر پارتىزان ئۇرۇش مۇتەخخەسسىسى،زىيالىيلارنىڭ نەزەرىدە،ئۇ تۈزۈمگە قارشىلىق قىلغۇچى،تولغىما ئۇسۇلچى ياشلارنىڭ نەزەرىدە،ئۇلارمۇ ئۇنى«قوڭغۇز»مۇزىكىلىرىنىغا ئوخشاشلا ياقتۇراتتى.ھەتتاكى ئڭنىڭ چاچ پاسونىمۇ،شۇ دەۋىردىكى ياشلارنىڭ مودىسىغا ئايلىنىپ،كىشىلەرنى سەرگەردان بولۇشقا ئۈندىگەن.ئۇنىڭ سوغوق نەزەرىنىڭ قانچىلىغان قىزلارنىڭ مۇھەببىتىنى ئۆزىگە رام قىلغىنىنى بىلىپ بولغۇلى بولمايدۇ.ئاڭلىشىمچە،ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگو زىيالىي ياشلىرىىنمۇ،ئۇنىڭ يازمىلىرىنى كۆتۈرىۋىلىپ،شەرقى جەنوبىي ئاسىياغا بېرىپ ئىنقىلاپقا قاتناشقانىكەن،ئەينى ۋاقىتتىكى فرانسىيە ئوقۇغۇچىلىرىمۇ،ئۇنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ،ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقاندا،توۋلىغان شۇئارىمۇ«چې!چې!چې!(چې.گېۋارا)»ئىكەندۇق. ئەمما بىز يەنە بىر خىل چې.گېۋارانىمۇ كۆردۇق،بەزىلەر ئىلگىرى«كىسەل گېۋارا»دىگەن تېمىدا ماقالە يازغانىكەن،بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇ بىر جاللات،ئادەم ئۆلتۈرۈش ماشىنىسى،قارا قوساق ئىقتىساد يىتەكچىسى،قارام تەۋەككۈلچى ھەربىي،ھەتتاكى نېرۋا كىسەلنىڭ سىمۋولى ئىدى.بەزىلەر مۇشۇ توغرىلىق«ئۇ بىزنىڭ دەۋىرنىڭ مۇكەممەل ئادىمىمۇ،ياكى كىسەل ئادىمىمۇ؟»دەپ سۇئال قويۇشقان.بەزىلەر ئۇنى كىسەل دەپ ھۆكۈممۇ قىلغان ئىدى.گېۋارا دىگەننىڭ ئۆزىنىمۇ بىر خىل كىسەللىك دەپ قاراشقان،ئەينى چاغدا كۇبادىن قېچىپ چىققان بىر كىشى بولۇپ،ئۇنىڭ ئىسمى Fontova ئىكەن،ئۇ بىر كىتاپ يېزىپ،ئۇنى بىگۇنانى قىرغىن قىلغان دىگەن.ستافىن ئىسىملىك رومانىيە مۇخبىرىمۇ،گېۋارانىڭ ئۆلۈم بۇيرۇقىنى چۈشۈرگىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنىكەن.بۇنىڭدىن ھەيران بولغان بۇ مۇخبىر مۇشۇ ئىش توغرىلىق بىر شېئر يازغان بولۇپ،تېمىسى«مەن ئەمدى سېنى مەدھىيلىمەيمەن،چې»ئىدى.دۆلەت بانكىسىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن،گېۋارا پۇل-مۇئامىلە تۈزۈمىنى يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ،«پۇل ئىشلىمەيدىغان مەدەنىيەت»قۇرۇشنى تەرغىپ قىلغان،پىسونى زور مىقتاردا ئىشلەپچىقىرىش،ئۇنىڭ ئىقتىسادى ۋاستىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.ئەلۋەتتە بەزىلەر ئۇنىڭ داڭلىق سائەت،گولىف توپ ۋە ئاياللارغا ئامراقلىقى توغرىلىقمۇ خەۋەر يازغان.مەسىلەن،1965-يىلى3-ئايدا،ئۇ مىسىردە زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا،قاھىرەنىڭ «ئەلئىھرام گېزىتىنىڭ بىر مۇخبىرى بىلەن كىچىلىك تاماشىدا بولىۋاتقاندا،بىر ئايال ئۇنىڭغا ئىش-پەش تارتسا،ئۇ مۇخبىرنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي،ئۇ ئايالنى ئۆزى تۇرغان مىھمانخانىغا باشلاپ كىرىپ،تېخى قاراۋۇلنى دەللاللىققا سالغان.ئۇ ھەتتا«ئەزەلدىن بىر ئەرنىڭ ئكمۈر بويى بىر ئايال بىلەن ئۆتۈشى بەلگىلەنمىگەن،ئاياللارغا يان باسماي،ئەرلەرنىلا چىشلەپ تارتماڭلار »،«ماركىسىزىم پەرىزچىلىك ئەمەس»دىگەن.بۇنداق كۆرەڭلىك،بەلكىم شۇ چاغدىكى رومانتىك ياشلارنىڭ ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇشىنىڭ سىرى بولسا كېرەك. ئامرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتىنىڭ ئۇنىڭ قان ساتقانلىقى توغرىسىدىكى مەلوماتىمۇ بىر خىل كۆز قاراش،ئېيتىلىشىچە،ئۇ ئىلگىرى مەھبۇسلارنىڭ قېنىنى ئېلىپ،باشقا دۆلەتلەرگە ساتقانىكەن،مەسىلەن ۋېيتنام قاراتلىقلارغا.ئەمما بۇ دوكىلات،1967-يىلى ئېلان قىلىنغان.يەنى گېۋارا بولىۋىيەدە پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىۋاتقىنىنىڭ ئىككىنچى يىلى يېزىلغان،ئامرىكىنىڭ بۇ قىلمىشىغا نىمە سىر يۇشۇرۇنغىنىنى بىلىش بەك تەس!ئەمما زور كۆپچىلىك ماتىرىياللاردا تەسۋېرلىنىشىچە،ئامرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ جاسوسلىرىنىڭ سان-ساناقسىز گېۋارانى قەستلەش پىلانىلىرىنىڭ ھەممىسى يوققا چىققانىكەن. ئېنىقكى،گېۋارا بىر نومال ئادەم،ئادەم بولغانكەن مۇرەككەپ بولىدۇ،ئۇنىڭ«ئىلاھىي»لاشتۇرۇلۇشىنىڭ،ئېنىقكى ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبى بار.مەسىلەن،60-يىللارنىڭ ئادەملىرى گېۋارانى ياقتۇرىدۇ،چۇنكى ئۇ ئىنقىلاب قەھرىمانلىرىنىڭ نامايەندىسى،70-يىللارنىڭ ئادەملىرى گېۋارانى ياقتۇرىدۇ،چۇنكى ئۇ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى رومانتىك چەۋەنداز،80-يىللارنىڭ ئادەملىرى ئۇنى ياقتۇرىدۇ،چۈنكى ئۇ غەيرى ۋە ئالاھىدە!ئۇ مودا ئېقىمى ۋە خاسلىقنىڭ سىمۋولى،ئەرلەر ئۇنىڭ تىز پۈكمەس ئىرادىسى ۋە كەسكىنلىكىنى ياقتۇرىدۇ،ئاياللار ئۇنىڭ كەڭ قورساق رومانتىكىلىقىنى ياقتۇرىدۇ،ئۇنىڭ يىمىرىلمەس ئوبرازىنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان مۇلايملىقى نۇرغۇن ئاياللارنى مەست قىلىدۇ……… [/size][/color]
مەنبە:[url]http://cafe.pconline.com.cn/topic.jsp?tid=7691467[/url]

(ئىسىل)بۇ بۇنيا ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دۇنياسى!

Filed under: ئەدەبىيات — ilhamjan @ 8:44 am

[size=4][color=#6600CC]ئەزەلدىن بېرى بىر قانونىيەت بولۇپ كەلگەن،ئۇ بولسىمۇ 80% قانونىيىتى،يەنە پاتىنسېن قانونىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ،مەسىلەن:20% ئادەم دۇنيانىڭ 80% بايلىقىنى ئىگەللىگەن بولىدۇ.80% كىشى 20% كىشىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.80%پايدا شۇ 20%كىشىدىن كىلىدۇ.80%مالنىڭ سېتىلىشى 20 مال ساتقۇچىنىڭ ئەمگىكى.80%ۋاقتىمىز 20%كۈندىلىك ئىشلىرىمىزغا سەرپ بولىدۇ.
فىزىكىدا مۇنداق بىر تەجرىبە بار: ناۋادا بىر چۆگۈن سۇ بولسا،ئۇنى قاينىتىپ 100 گرادۇسقا يەتكۈزۈش ئۈچۈن 10 مىنۇت كەتسە،ئۇنداقتا بۇ سۇنى قايناتساق نەچچە گرادۇسقا يىتىدۇ؟ناۋادا ئۇڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەت بولسا،5 مىنۇتتىن كىيىن سۇنىڭ تېمپىراتورىسى 50 گرادۇس بولسا توغرا بولاتتى،ھالبۇكى بۇ خىل تەبىئىي ھادىسە ئۇڭ تاناسىپلىققا بويسۇنمايدۇ،توغرا جاۋاپ—– 80 گرادۇسقا يىتىدۇ.
يېقىندا «ماددىنىڭ مەنبەسى» دىگەن بىر كىتاپنى ئوقۇدۇم،ئۇنىڭدا كائىناتنىڭ باشلىنىش مەنبەسى سۆزلىنىپتۇ،ھەتتا ئالەمدىكى چوڭ پارتىلاش،پارتىلاشتىن كىيىنكى ماددىلارنىڭ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى دۇنيا ئەمەسلىكىنى،كۆپىنچىسىنى بىز كۆرەلمەيدىغان،تۇتالمايدىغان،ھەتتا ھىس قىلالمايدىغان مەۋھۇم ماددا ئىكەنلىكىنى يېزىپتۇ.مەۋھۇم ماددا گەرچە كۆرۈنمىسىمۇ،ئۇنىڭ ماسسىسى بىز بىلىدىغان ،اددىلاردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن بولىدىكەن.بۇنى كائىنات جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىدىكى نورمالسىزلىقلاردىن بىز غايەت زور ئىنىرگىيىنىڭ بارلىقىنىڭ ھىس قىلغانكەنمىز.ھالبۇكى بۇ ماددىلار بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا خالاس،ئۇ شۇ يەردە بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى جىمجىت كۈزىتىپ تۇرىدىكەن. ئادەم بەدىنىدە بىر خىل قىزىقارلىق ھادىسە مەۋجۇت،ھازىر ھەممەيلەن ئېرسىيەتنىڭ DNA غا تايىنىپ مەۋجۇتلىقىنى بىلىدۇ،ھالبۇكى ئاقسىل،بىزنىڭ ئورگانىزىملىرىمىزنى تەشكىل قىلغۇچى ئاقسىلنى دەل DNAبەلگىلەيدۇ.ئەمما DNAننىڭ پەقەت 10%لا ئاقسىلنى كودلاشقا قاتنىشىدۇ،قالغان قىسىمى بولسا كوللىكتىپ جىمجىتلىقىنى ساقلايدۇ.ئۇلار ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ئېرسىيەتلىنىدۇ،ئەمما پەقەت ئاقسىلنىڭ ئىپادىلىنىشىگە قەتناشمايدۇ،پەقەتلا سۈكۈت ئىچىدە تۇرىدۇ. ئاز بىر قىسىم نەرسىلەر مانا مۇشۇنداق كۆپ قىسىم ئىشنى تاماملايدۇ،پاتىنت قانونىيىتى پەقەت تۇرمۇشتىكى مۇشۇ ئىشلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ،ئۇ ھەتتا پۈتۈن كائىناتنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا تارقالغان.بۇ قانۇنىيەت ھەقىقەتەنمۇ كۆپخىل مۇھىتقا ماس كىلىدىكەن.
قۇياش سېستىمىسىغا قارىساقلا،يەرشارى گەرچە ئىنتايىن كىچىك بولسىمۇ،ئەمما ئۇ قۇياش سېستىمىسىدىكى مۇرەككەپ ھاياتى شەكىللىرىگە ئىگە.تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر نوپوس،يەر زىمىن جەھەتتە ئاز ساننى ئىگەللىسىمۇ،ئەمما كۆپقىسىم بايلىق،تېخنىكاۋە بېيلىق مەنبەلىرىنى ئىگەللىگەن.بىزنىڭ بەدىنىمىزدىمۇ،كىچىكى ھۈجەيرە،ھەتتا بىز سۆزلەپ ئۆتكەن يادرو كىسلاتاسى زور قىسىمدىكى ھاياتى پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىدۇ.چوڭ ئورگانىزىملار بولسا ئاساسى جەھەتتىن ئىككى ئورگانىزىمغا خىزمەت قىلىدۇ،يەنى ———-مېڭە ۋە يۈرەك.
ئاخىرىدا جەمئىيەتكە قايتىپ كەلسەك،بىزنىڭ جەمئىيىتىمز زادى كىمنىڭ؟مېنىڭ جاۋابىم:ئۇ ئاز سانلىق بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خالاس!لۇشۇن كوناجەمئىيەتنى تەسۋىرلىگەدە،«كۆپىنچىسى كونا»لىقىنى تەسۋىرلىگەن،مېنىڭچە بۇ جۇڭگوغىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنياغا ماس كىلىدۇ.
تارىخى كىتاپلارنى ۋاراقلىساق،بۇ دۇنيانىڭمۇ شۇ ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.يەنى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرىدىكى ھوقوق -مەنپەئەت كۆرىشىنىڭ تارىخى خالاس!سۈكۈتتىكى كۆپچىلىك ئۇلار ئۈچۈن ئۇرۇپ چېپىشىدۇ خالاس.كۆپىنچە سۈكۈتلەر كائىناتتىكى مەۋھۇم ماددىغا ئوخشاش،ئاشۇ 90%DNA غا ئوخشاش بىز ئۇلارنى ئەزەلدىن بايقىمايمىز،ئۇنداقتا ئۇلارمۇ مەۋجۇت بولغانمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق،ھەم كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ،ئۇلار مەۋجۇت بولغان،ئەمما ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغاندەك ھالىتىنى ساقلىغان!!![/color][/size]
[size=7][color=#FF0000] [align=center]بۇ دۇنيا ئاشۇ ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ!!!!!![/align][/color][/size]

ئارخولوگىيەلىك تاشقاتمىلارنىڭ ئۆمرى قانداق بىكىتىلىدۇ؟

Filed under: ئەدەبىيات — ilhamjan @ 8:44 am

ئارخولوگىيەلىك بۇيۇملار ئۆمرىنى بىكىتىش ئىلىمى (گىئولوگىيەلىك يىل ئۆلچەش تېخنىكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)خەنزۇچە 地质年代学 دەپ ئاتىلىدۇ،ئېنگىلىزچە geochronology دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىلىم يەر شارىنىڭ گىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشى ۋە يەر قاتلام ئۆزگىرىشىنى ئۆلچەش،ئۆمرىنى بىكىتىش ۋە ۋاقىت تەرتىپىنى تىزىپ چىقىش تېخنىكىسى بولۇپ،گىئولوگىيە ئىلىمىنىڭ تارماق ئىلىمى ھىساپلىنىدۇ.ئۇ كانچىلىق ئىلىمى،تاشچىلىق ئىلىمى،يەر قاتلام ئىلىمى،قەدىمىي بىئولوگىيە ئىلىمى،قۇرۇلمىلىق گىئىلوگىيە ئىلىمى ۋە كان بايلىق ئىلىمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر ئۈنۋېرسال ئىلىم.گىئولوگىيەلىك يىل ئۆلچەش تېخنىكىسى رادىئو ئىزوتوپلۇق گىئولوگىيەلىك يىل ئۆلچەش تېخنىكىسى ۋە نىسبىي گىئولوگىيەلىك يىل ئۆلچەش تېخنىكىسى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا،ئەنگىلىيەلىك شىمىس تاشقاتما يىل تەرتىپ قانونىيىتىنى يولغا قويۇپ،گىئولوگىيەلىك يىل ئۆلچەش تېخنىكىسىغا ئاساس سالغان.30-يىللاردا،لايىر بىئولوگىيەلىك يەر قاتلام تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان.50-يىللاردا،گېرمانىيەلىك ئوپىر تاشقاتما بۆلىكى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان.شۇنىڭ بىلەن بىئولوگىيەلىك يەر قاتلام بۆلۈشكە ئاساس سالغان.19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىغىچە،يەرقاتلاملىق قەدىمىي جۇغراپىيە ئىلىمى ۋە تارىخى گىئولوگىيەلىك قاتلام ئىلىمى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ،تاشقاتما،يەر قاتلىمى،جەدىمىي بىئولوگىيە ئىلىمى بىرلىشىپ،نىسبىي گىئولوگىيەلىك يىل ئۆلچەش تېخنىكىسى روياپقا چىقتى.رادىئو ئىزوتوپ(放射性同位素) نىڭ بايقىلىشى بىلەن،رادىئاكتىپلىق ماددىنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى تېخنىكىسى يولغا قويۇلۇپ،تاشقاتما،كان بايلىقلىرىنىڭ ئۆمرىنى بىكىتىشنى ئېنىقلىقى يۇقۇرى ئۇسۇل بىلەن تەمىنلىدى،شۇنىڭ بىلەن بىر مۇستەقىل ئىلىم—رادىئو ئىزوتوپلۇق گىئولوگىيەلىك يىل ئۆلچەش تېخنىكىسى بارلىققا كەلدى.20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن بۇيان،يەر قاتلاملىرىنى ئۆلچەش تېخنىكىسىدا،قوغۇشۇن-ئۇران تېخنىكىسى،كالىي-ئارگون تېخنىكىسى،رۇبىدىي-سىترونىتسىي تېخنىكىسى قاتارلىق تېخنىكىلار ئارقىلىق مۇكەممەللىشىپ،تاشقاتمىلارنىڭ ئۆمرىنى بىكىتىشنىڭ يېڭى دەۋرى يىتىپ كەلدى.رادىئو ئىزوتوپلۇق تشقاتما ئۆمرىنى ئۆلچەش تېخنىكىسىنىڭ قانونىيىتى مۇنداق بولىدۇ،يەنى تاشقاتما تەركىبىدە رادىئو ئاكتىپلىق ماددىلار بولىدۇ،تۇيۇق سېستىما ئىچىدە رادىئو ئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ يېرىم يىمىرىلىشى ئۆلچىنىدۇ،بۇ چاغدا تاشقاتما تەركىبىدىكى رادىئو ئىزوتوپلۇق ماددىنىڭ مىقدارى ئېنىق ئۆلچەنسىلا شۇ تاشقاتمىنىڭ ئۆمرىنى بىلگىلى بولىدۇ.رادىئو ئاكتىپلىق ماددىنىڭ يىمىرىلىش خاراكتىرىنىڭ ئوخشىمادلىقىغا ئاساسەن،يىلنى ئۆلچەم بىرلىكى قىلغان ئۆلچەش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل بولىدۇ.بىرىنچىسى،رادىئو ئاكتىپلىق ماددىنىڭ ئۆزىنىڭ يېرىم يىمىرىلىش جەريانىغا ئاساسەن ئۆلچەش.بۇ خىل ئۇسۇل يەنە 3كە بۆلۈنىدۇ.1. تەبىئىي تاشقاتما بۇيۇمنىڭ رادىئوئاكتىپلىق يىمىرىلىش دەرىجىسىنى ئۆلچەش مەسىلەن:كالىي-ئارگون تېخنىكىسى(نەچچە ئونمىڭ يىلدىن نەچچە مىليارت يىلغىچە ئۆلچەشكە ئىشلىنىدۇ)،ئۇران -قوغۇشۇن تېخنىكىسى(پېرىكمىرىي ئىراسىدىن ئوتتۇرا ھاياتلىق ئېراسىغىچە بولغان يىللارنى بىكىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ)،رۇبىدىي-سىترونىتسىي تېخنىكىسى،ئارگون40-ئارگون39 تېخنىكىسى،سامارىي-نىئودىمىي تېخنىكىسى،لانتان-سېرىي تېخنىكىسى،رېنىي-ئوسمىي تېخنىكىسى،گافىنىي تېخنىكىسى قاتارلىقلار.2.تەكشۇرۇلمەكچى بولغان رادىئوئاكتىپلىق ماددىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلى بار بولغان مىقتارىغا ئاساسەن،ئۆلچەشنىڭ ئالدى كەينىدىكى نىسبەتكە ئاساسەن تاشقاتما ئۆمرىنى بىكىتىش ئۇسۇلى مەسىلەن:كاربون-14 تېخنىكىسى(20 مىڭدىن 50 مىڭ يىلغىچە تاشقاتما ئۆمرىنى بىكىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ)،تورىي-230 تېخنىكىسى(3000-4000 يىللارغىچە ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدۇ)،رادىي-226 تېخىنىكىسى(ئونمىڭ يىلدىن يۇقۇرى تاشقاتمىنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدۇ) قاتارلىقلار.3. رادىئاكتىپلىق يېرىم يىمىرىلىشتىن ھاسىل بولغان تەئۆشۇرۇلمە ئىزوتوپىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۆلچەش.مەسىلەن:قوغۇشۇنلۇق ئۆلچەش تېخىنىكىسى.
ئىككىنچىسى،رادىئاكتىپلىق نۇرنىڭ ئەتراپتىكى بۇيۇملارغا بولغان تەسىرىنى ئۆلچەش تېخنىكىسى.بۇنىڭدا رادئاكتىپلىق نۇرلارنىڭ ۋە يېرىم يىمىرىلگەن بۆلەكلەرنىڭ ئەتراپتىكى ماددىلارغا بولغان تەسىرى ئۆلچىنىش ئارقىلىق،تاشقاتمىنىڭ ئۆمرى بىكىتىلىدۇ.ئۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللار بار،يېرىم يىمىرىلىش ئىزىنى قوغلاش تېخنىكسىتاشقاتما تەركىبىدىكى ئۇراننىڭ يىمىرىلگندىن كىيىن،ئەتراپتىكى ماددىلارغا بولغان رادىئاكتىپلىق تەسىرىنىڭ ئىزىنى ئۆلچەش تېخنىكىسىدۇر.بۇ خىل ئۇسۇل بىر مىلىيون يىلدىن200 مىليون يىلغىچە بولغان تاشقاتما ئۆمرىنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدۇ.ئىسسىقلىقنىڭ نۇرغا ئايلىنىشىنى ئۆلچەش تىنىكىسىتاشقاتما تەركىبىدىكى رادىئاكتىپ مادىنىڭ رادىئاكتىپلىق ئىنىرگىيىسى ئۆلچىنىدۇ.كۆپرەڭلىك ئارىلاشتۇرۇپ ئۆلچەش تېخنىكىسىئوكسىگىن ئۆلچەش تېخنىكىسى
بۇنىڭدىن سىرت يەنە يەر قاتلاملىرىنىڭ فىزىكىلىق ئۆزگىرىشىدىن يىلىنى بىكىتىش تېخنىكىسىمۇ بار،يەنى:ئاممنىي كىسلاتالىق چۆكتۈرۈش ئۇسۇلى،قوش فاكتورلۇق نۇر سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى،يەر قاتلىمىدىكى لاي لاتقا ئىزىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى،قەدىمى جانلىقلارنىڭ ئۆسۈش دەۋرىي قانونىيىتىگە ئاساسەن ئۆلچەش قاتارلىق ئۇسۇللارمۇ بار.
قالغىنىنى تەرجىمە قىلىپ بولۇشقا ۋاقتىم يەتمىدى.خەنزۇچىسىنى يوللاپ قويدۇم،ناۋادا تەرجىمىدە خاتا كەتكەن ،ياكى بولمىغان يېرى بولسا تۈزىتىپ قويارسىلەر.
【汉语拼音】dizhi niandaixue 【中文词条】地质年代学【外文词条】geochronology 【作者】胡世玲 研究有关地球历史演化和测定地质事件的年龄与时间序列的学科﹐是地史学的分支学科。它与矿物学﹑岩石学﹑地层学﹑古生物学﹑构造地质学和矿床学等密切相关﹐是一门综合性学科。地质年代学包括同位素地质年代学和相对地质年代学。对地质年代学的研究可制定更准确的地质年代表。 研究简史19世纪初期﹐英国的史密斯﹐W.首先提出化石顺序律﹐为地质年代表的建立奠定了基础。 30年代﹐莱伊尔﹐C.最早使用生物地层学的研究方法﹐50年代﹐德国的A.奥佩尔提出了化石带的概念﹐从而开创了划分生物地层的途径。从19世纪70年代到20世纪40年代﹐岩相古地理和历史大地构造学的建立﹐以岩石﹑地层﹑古生物方法确定相对的地质年代方法被广泛应用﹐形成相对地质年代学。放射性的发现和同位素概念的提出﹐放射性同位素衰裂变定年技术的应用﹐为测定岩石﹑矿物年龄提供了精确的方法﹐从而形成了一门独立的分支学科──同位素地质年代学。 20世纪40年代以来﹐测定地质年龄的铀-铅法﹑钾-氩法和铷-锶法的建立和完善﹐使同位素年代学进入了一个全新阶段。 同位素年龄测定的原理和方法当岩浆冷凝﹐矿物﹑岩石结晶或重结晶时﹐放射性元素以某种形式进入矿物或岩石﹐在封闭体系中﹐放射性母体或子体同位素持续衰变和积累。只要准确地测定矿物和岩石中放射性母体和子体的含量﹐即可根据放射性衰变定律计算出岩石和矿物的年龄。运用这种方法的前提是﹕母体元素的衰变常数已被准确测定﹔衰变最终子体产物是稳定的﹔已知放射性母体和子体元素同位素组成及相对丰度﹔有精确测定母体和子体同位素的分析技术﹔岩石﹑矿物形成后始终保持封闭系统。 根据放射性同位素衰﹑裂变和能量辐射效应等﹐以年为单位的地质年龄测定方法有两种。 根据放射性同位素本身衰变过程而定的方法。即以母体同位素衰减或子体同位素增长作为时间的函数而测定。这一方法又分为3类﹕a.测定天然物质中放射性母体及稳定子体产物的同位素比值来计算年龄﹐主要有钾-氩法﹑铀-铅法﹑铷-锶法﹑氩-40-氩-39法﹑钐-钕法﹑镧-铈法﹑铼-锇法和-铪法等。 b.测定放射性母体同位素本身现有和原有的含量﹐根据两者比值计算出天然物体的形成年龄﹐如碳-14法﹑钍-230法和镭-226法等。 c.测定由于放射性衰变引起的子体同位素组成的变化﹐如普通铅法等。这些方法中﹐以钾-氩法﹑铷-锶法和铀-铅法研究最多﹑应用最广。钾-氩法可用于几万年至几十亿年地质体的测定﹐特别是中﹑新生代的火山岩和侵入岩。它测定的对象包括云母类矿物﹑高温长石﹑角闪石﹑辉石﹑沉积海绿石﹑伊利石及火山岩全岩(玄武岩)等含钾矿物。铀-铅法和铷-锶法主要应用于前寒武纪至中生代﹐特别是前寒武纪岩石﹑矿物年龄测定。适合铀-铅法的对象有锆石﹑独居石﹑磷灰石﹑榍石﹑晶质铀矿﹑沥青铀矿等矿物。适合铷-锶法测定的有化学封闭系统的火成岩和变质岩﹑沉积页岩和云母﹑长石等矿物。碳-14法是测定年轻样品年龄的一种重要方法﹐能测到2~5万年的年龄﹐引入加速器质谱技术后﹐测定范围可扩大到6~10万年。碳-14法可与钾-氩法相接并进行对比﹐主要用于晚第四纪及对人类学﹑考古学中某些化石和历史文物的鉴定。其测定对象甚广﹐包括木炭﹑木头﹑泥炭﹑各种植物的余骸﹑各种生物﹑碳酸盐类和原生无机碳酸盐﹑土壤等。钍-230法和镭-226法是不平衡铀系法中的两种方法。钍-230法测定范围为0.3~0.4万年﹐镭-226法用于大于1万年的样品。它们都用于海湖相沉积速率和年龄的测定﹐测定对象是海相黏土﹑石钟乳类﹑碳酸盐岩﹑骨化石﹑贝壳﹑泥炭﹑锰结核等。 根据放射性射线对周围物质作用的程度而定的方法。如根据射线和裂变碎片对周围物质的次生作用来确定物质形成的年龄﹐主要有裂变径迹法﹑热释光法﹑多色晕法和氧法。裂变径迹法是根据矿物中铀自发裂变产生的辐射损伤径迹的数目作为矿物存在时间的函数来计算矿物的年龄。该法测试技术简单﹐测定年龄范围大﹐一般为100万年至2亿年﹐这一数值与钾-氩法基本一致。裂变径迹法适用的矿物有云母类﹑角闪石类﹑榍石﹑磷灰石﹑锆石和火山玻璃等。热释光法与岩石中放射性物质辐射能量有关﹐它在测定年青岩石﹑矿物年龄方面能起较大作用。 此外﹐还有根据地质体中某些物理变化特征来确定其地质年龄的方法﹕氨基酸降解法﹑双折射比较色散法等﹔根据沉积岩中纹泥层测算沉积时间长度﹔根据古生物生长节律(古生物钟)来测算其生存的地质时间长度等。 确定相对地质年代的方法主要包括地质﹑岩石﹑古生物和古地磁的方法。根据地层层序律确定地层新老关系的方法﹐开始于18世纪末期。一些具有特殊性或特殊矿产的岩层﹐可作为确定相对地质年代的标志﹐例如条带状磁铁石英岩只形成于太古宙至元古宙﹐煤(包括石煤)仅出现于前寒武纪以后。生物地层法是利用化石来鉴定地层时代。利用化石来划分地质时代是可靠的﹐因为生物界的矛盾发展具有特殊的规律﹐表现出清楚的不可逆性和阶段性。生物界的演化﹐由简单到复杂﹐由低级到高级﹐不可能出现完全重复。这个过程也不是均一的或等速的﹐而是由缓慢的量变与突变或生物大量绝灭的急速质变交替出现所组成。在同一时期内﹐生物的总体面貌大体具有全球的一致性﹐至少在大区内具有一致性。因此﹐化石是确定相对地质年代的主要手段﹐并据此对地质年代进行划分。时间对比图解法是利用化石总延续时限来显示沉积岩地层序列上的时间控制﹐此法包括一种图像标绘﹐根据两个剖面上共有化石的最早出现和最终消失的顺序(即延限)﹐以及各剖面上岩石堆积速率﹐来显示出相似年代的两个岩层剖面间的最佳时间对比。此外﹐根据岩层穿切关系原理能够简易地判别岩层相对的新老关系﹐被穿切的地层总是老于后期穿切的地质体。不整合面存在时﹐在正常情况下﹐不整合面以上的地层总晚于其下的地层序列。 古地磁法是利用地磁极性正常和倒转的交替﹐借助于已知地层时代和同位素年龄数据﹐编出地磁极性年代表﹐它是进行磁性地层工作的标尺。 地质年表用来表示地史时期的相对时代和同位素年代值的表格﹐又称地质年代表或地质时代表。第一个定量年表是1913年霍姆斯﹐A.提出的﹐后经过不断的修改。目前比较通用的见表地质年表及生物演化简表。 展望随着基础理论研究和测试技术的发展﹐地质年代学在地质学中的广泛应用﹐它已成为地球科学中重要的基础学科﹐而且对各种具体对象(沉积岩﹐基性﹑超基性岩)的年龄测定有所突破。大区域地质年代学的深入研究和全球性地质资料的对比﹐将揭示地球演化史中重大事件出现的规律﹐对地球科学的发展作出更大贡献。 参考书目 D.约克﹑R.M.法夸尔著﹐中国科学院地质研究所同位素地质研究室译﹕《地球年龄与地质年代学》﹐科学出版社﹐北京﹐1976。 (D.York and R. M. Farquhar﹐The Earth’s Age and Geochronology﹐ Pergamon Press﹐Oxford﹐1972.) W.B.哈兰等着﹐袁相国﹑姬再良﹑刘椿译﹕《地质年代表》﹐地质出版社﹐北京﹐1987。 (W. B.Harland et al.﹐A Geologic Time Scale﹐ Cambridge University Press﹐Cambridge﹐1982.)

مامكاپ

Filed under: ئەدەبىيات — ilhamjan @ 8:33 am

[wmv=1]http://huizhoufile.focus.cn/file/480/塔拉.wma[/wmv][color=#ff33cc][size=5] ….مامكاپ غەمكىن شامالنى ئۈمىتسىزلەندۈرمەيدۇ ئۇرۇقلىرىنى چاچىدۇ. ئىككىنچى باھاردا، ھەممە يەردە ئۈنۈپ چىقىدۇ. [attachment=3114] تولغان غۇنچىنىڭ ئۈنسىز ساقلىشى، ئۇرۇق يارغاندكى ئازاپ. تەقدىر … ئازاپقا كۆنگە، ئىگىلمەس روھ. ئالغا ئۈندىگەن! [attachment=3115] مانا كۈز كەلدى، تىنىمسىز شاماللار. ھەر خىل سېغىنىش، ۋەدىلىرىنى بىللە ئەپ كەتتى. [attachment=3116] تۇرمۇش قانۇنىيىتى، ئۇرۇقتىن ئۈمىد. ھوسولدىن ئارزۇ، پەرزەنتكە سۆيگۈ. بەختكە قانات، ئۆينى سېغىنىش، چوڭلارنى ئەسلەش، ھەممىسى مۇھەببەت. بەڭباش شاماللار مۇھەببىتىمنى،چۈشلىرىمنى تەڭ ئېلىپ ئۇچتى… [attachment=3117] [/size][/color]

ئىلگىرى دۇنيانى تىترەتكەنلەرنىڭ ھازىر نىمە قىلىۋاتقىنىنى بىلەمسىلەر؟(7)

Filed under: ئەدەبىيات — ilhamjan @ 8:33 am

ياك شىراك(Jacques Chirac)1932-يىلى 11-ئايدا فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى كىلىز بازىرىدا باي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن،ئۇنىڭ دادىسى فرانسىيە سودا بانكىسىنىڭ باشلىقى ئىدى،شىراك پارىژ سىياسى قانۇن ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن.يەنە فرانسىيە دۆلەتلىك مەمۇرىيەت ئىنىستىتوتىدىمۇ ئوقىغان،1967-يىلى ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان،1967-يىلدىن 1974-يىلغىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش دۆلەت ۋازارەت كاتىپى،مالىيە دۆلەت ۋازارەت كاتىپى،زۇڭلى مەھكىمە مەسئولى ۋە پارلامىت بىلەن ئالاقىلىشىدىغان مىنىستىر دەرىجىلىك ۋەكىل،دىھقانچىلىق مىنىستىرى،ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.1974-يىلى فرانسىيەنىڭ زۇڭلىسى بولۇپ سايلانغان،1976-يىلى خىزمىتىدىن ئىستىيپا بېرىپ،جۇمھۇرىيەتنى قوغداش .ۇيۇشمىسىنى بەرپا قىلغان ھەمدە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.1977-يىلدىن1995-يىلغىچە ئۇدا ئۈچ قىتىم پارىژ شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان،بۇ جەرياندا 1986-يىلى ۋە 1988-يىلى ئىككى قىتىم زۇڭلىلىق ۋەزىپە ئۆتىگەن،1995-يىلى 5-ئايدا فرانسىيەنىڭ پرىزدىنتلىقىغا سايلانغان،2002-يىلى 5-ئايدا قايتا سايلانغان.
رەسىمدە،سابىق پرىزدېنت شىراك 2007-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئايالى بىلەن فرانسىيەنىڭ جەنوبىدىكى بىر ساناتورىيەدە دەم ئالماقتا.[img]http://news.xinhuanet.com/world/2007-08/22/xinsrc_20208042218265781309416.jpg[/img]

بۆرە پەلسەپىسى (سەلكىن تەرجىمە مۇكاپاتىغا)

Filed under: ئەدەبىيات — ilhamjan @ 8:31 am

[wmv=1]http://www.tianxinedu.com/AttachFiles/632507555084218750.mp3[/wmv]
مۇزىكىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:[url=http://www.tianxinedu.com/AttachFiles/632507555084218750.mp3]http://www.tianxinedu.com/AttachFiles/632507555084218750.mp3[/url]
[align=center][color=#6600CC][size=6]1.جاپالىق چېنىقىش:بۆرە ھەرگىزمۇ ئاتالمىش غورور-ۋىجداننى دەپلا،ئۆزى ئاجىز تۇرغاندا ئۆزىدىن كۈچلۈك رەقىبلەرگە ھۇجۇم قىلمايدۇ.[img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_5cce0d746935100.jpg[/img]
2.ئۆملىشىپ ھەمنىيەت بولۇش:بۆرە ئۆزىدىن كۈچلۈك رەقىبلەرگە يۈزلەنمىسە بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا،چوقۇم ئۆملىشىپ ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىدۇ.[img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_827711fdcb72346.jpg[/img]
3.ئۆزىنى بىلىش:بۆرىنىڭمۇ ھايۋاناتلارنىڭ پادىشاسى بولغۇسى بار،ئەمما بۆرە ئۆزىنىڭ بۆرە ئىكەنلىكىنى،ھەرگىزمۇ يولۋاس ئەمەسلىكىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ.[img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_8095a1acba35b27.jpg[/img]
4.سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش كۆرۈش:بۆرە قانداق قىلىپ ئەڭ ئاز بەدەل تۆلەش بەدىلىگە،ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشىشنى بىلىدۇ.[img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_8434f91d36cd106.jpg[/img]
5.تەڭ ھۇجۇم قىلىپ تەڭ چىكىنىش:بۆرە ئادەتتە يالغۇز ھەرىكەت قىلسىمۇ،ئەمما ئۇ ئەڭ ئۆم-ئىتىپاقلاشقان ھايۋان،سىز ھەرگىزمۇ بىرەر بۆرە يارىلانغاندا ئۇنىڭ بىرەر ھەمراھىنىڭ ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كىتىپ بارغانلىقىنى كۆرەلمەيسىز![img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_178772fae057abf.jpg[/img]
6.ئىچى ۋە تىشى ئوخشاش:بۆرىنىڭمۇ مۇلايىم ھايۋان بولغۇسى بار،ئەمما بۆرە ئۆز ئاشقازىنىنىڭ پەقەتلا گۆشكە ماسلىشىدىغىنىنى ئوبدان بىلىدۇ.شۇڭا بۆرىنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەتلا ھەر قېتىملىق ئولجىسىنى پاك-پاكىزە يەۋىتىش خالاس!ھالبۇكى بەزىبىر ئۆزىنى مۇلايىم دەۋەلغان ھايۋانلار قاۋاقخانا ۋە مىھمانخانىلاردا بىر قىسىم «مۇلايىم بولمىغان»ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ.[img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_4ef24177ece3944.jpg[/img]
7.ئۆزگىنىمۇ ئۆزىنىمۇ بىلىش:بۆرە رەقىبىگە ھۆرمەت قىلىدۇ،ئۇ ھەر قېتىم ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى چوقۇم رەقىبىنىڭ ئۇچۇرىنى ئالىدۇ،ھەرگىزمۇ كۆزگە ئىلمايدىغان ئىش قىلمايدۇ.شۇڭا بۆرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا سەۋەنلىك ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ.[img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_5f9fb51b830f92c.jpg[/img]
8.بۆرىدىمۇ مىھرىبانلىق بار:ئەركەك بۆرە چىشى بۆرە قوساق كۆتەرگەندە،بالا بۆرە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلغۇچە ئۇلارنى ئىزچىل قوغدايدۇ،بۇ ھەرگىزمۇ بەزى «مىھىر شەپقەتلىك»ھايۋانلارنىڭ جۇپتى قوساق كۆتۈرگەندە،تېشىدا ئويناپ يۈرگىنىگە ئوخشىمايدۇ.شۇڭا بۆرە كىشىلەرنىڭ مىھىر شەپقەتسىز كىشىلەرنى «ئىت مىجەز»دەپ تىللىشىغا بەكمۇ قارشى،چۈنكى بۇ بىر ئادالەتسىزلىك![img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_9e22b92ac309595.jpg[/img]
9.بۆرىلىك تەربىيىسى:ئاتا بۆرە بالا بۆرە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ھامان ئۇنىڭدىن ئايرىلىدۇ،چۈنكى بۆرە شۇنى ئوبدان بىلىدۇكى:ناۋادا بۆرە بۆرە بولالمىسا ئۇنىڭ قوي بولغىنى ياخشىراق![img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_e4e409b2706d861.jpg[/img]
10.بىباھا ئەركىنلىك:بۆرە ھەرگىزمۇ ئازراق مەنپەئەتىنى دەپ،ئۆز غورورىنى دەپسەندە قىلىپ خوجىسىغا قويرۇقىنى شىپاڭشىتمايدۇ.چۈنكى بۆرىگە ئېنىقكى:مەغرورلىنىشقا بولمايدۇ،ئەمما مەغرۇرسىز قېلىشقىمۇ بولمايدۇ!شۇڭا بۆرىلەر دائىم تەنھا ھالدا ئەركىنلىك نەزمىسىدىن ھوزور ئىتىدۇ![img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_495c9a10442e4ae.jpg[/img][img]http://bbs.salkin.cn/1187608282/157_4079_8c5592551e8935c.jpg[/img]
مەنبە:كۆچۈرمىكەشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆچۈرىۋەتتىم
تەھرىر:قوغدىغۇچى[/size][/color][/align]

شائىر سۆزى يالغاندۇر

Filed under: ئەدەبىيات — ilhamjan @ 8:30 am

[color=#6600CC][size=5]رىۋايەت قىلىنىشىچە،نوشىرۋان ئادىل شائىرلارنى ھوزورىغا يىغىپ مۇنداق دەپتۇ:-بۇ نىمە دىگەن ئۇياتسىزلىق،سىلەر نىمىشقا مەندەك ئادىل شاھ دەۋرىدە يالغان شېئىرلارنى يازىسىلەر،ئاشىقنىڭ ئاھۇ پىغانى سەھراغا ئوي قويارمىش،جاناننىڭ كىرپىكى ئوق بولۇپ،ئاشىق يىگىتنىڭ كۆكسىگە سانچىلارمىش.بۇ سۆزگە كىم ئىشىنىدۇ؟قىسقىسى،بۈگۈندىن باشلاپ كىم مۇشۇنداق يالغان شېئىر يازسا،كاللىسىنى ئالىمەن!مۈلكىنى ۋەيران قىلىمەن! شۇ پەرماندىن كىيىن،ئۇزۇن يىللارغىچە ھىچكىم شېئىر يازماپتۇ،ئاخىر بىر شائىر مۇنداق شېئىر يېزىپتۇ:
تاڭ ئاتسا يۇلتۇزلار ئۆچەر ئاسماندا، خورازلار چىللىشار مازانداراندا(جاي ئىسمى). خەلەپتە(جاي ئىسمى)كەچقۇرۇن قۇياش پاتىدۇ، كىچىسى ئادەملەر ئۇخلاپ ياتىدۇ.
نۇشىرۋان ئادىن ھىچبىر يالغىنى بولمىغان باشتىن -ئاخىرىغىچە ھەقىقەتنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بۇ شېئىرنى ئوقۇپ،مۆرىسىنى قىسىپ،بىشىنى تاتىلاپ ئۇزۇن ئويلانغاندىن كىيىن،«شائىرلار ئۆزىنىڭ شۇ يالغىنىنى يېزىۋەرسۇن»دەپ قايتا پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. «شائىر سۆزى يالغاندۇر»دىگەن سۆز شۇنىڭدىن قالغانىكەن.[/size][/color]
مەنبە:تەربىيىلىنىشتىكى 99 پاراسەتتەھرىر:قوغدىغۇچى

Create a free website or blog at WordPress.com.